نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

بېلارۇسىيەدە غەلىتە «ئايرۇپىلان بۇلاش» ۋەقەسى يۈز بەردى

مەلۇم بولۇشىچە تۇتۇپ كېتىلگەن بۇ مۇخبىر بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى لۇكاشىنكوغا قارشى داڭلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇمىنىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 23- ماي

 

23- ماي چۈشتىن كېيىن گرېتسىيەدىن لىتۋانىيەگە قاراپ ئۇچقان RYN AIR ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ بىر ئايروپىلانى بېلارۇسىيە ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتىۋاتقاندا، شۇ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «ئايرۇپىلاندا بومبا تەھدىتى بار.» دېگەن باھانىسى بىلەن مىنىسكى ئايروپورتىغا مەجبۇرىي قوندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئايرۇپىلاندىكى ئۆكتىچى مۇخبىر Roman Protasevich نى قولغا ئالغان. خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ «ئايرۇپىلان بۇلاش» ۋەقەسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى زىلزىلىگە سالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى Ursula von der Leyen نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ياۋروپا دۆلەت رەھبەرلىرى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئارقىمۇ – ئارقىدىن بايانات بېرىپ، بېلارۇسىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى دۆلەت تەرىپىدىن يۈرگۈزگەن تېررورلۇق دەپ ئەيىبلىگەن.

 

مەلۇم بولۇشىچە تۇتۇپ كېتىلگەن بۇ مۇخبىر بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى لۇكاشىنكوغا قارشى داڭلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇمىنىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.