ئامېرىكا پىرىزدىنىتى تىرامپنىڭ رامىزانلىق تەبرىك سۆزى
بۇگۇن كەچلىك ئاينىڭ چېقىشى بىلەن تەڭ ،مەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە دۇنيا بويلاپ رامىزان تۇتۇۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارغا سالام يوللايمەن ۋە گۇزەل تىلەكلەرنى تىلەيمەن ؛ رامىزان ئىيى مەزگىلىدە مۇسۇلمانلار ئىبادەت ۋە دۇئالىرى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھسالامغا نازىل بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ ؛نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار بۇ ئاينى روزا تۇتۇش ، سەدىقە -ساخاۋەت قىلىش ،دۇئا -تىلاۋەت قىلىش ،قۇرئانى كەرىمنى ئوقۇش بىلەن خاتىرلەيدۇ. رامىزان ئىيى كىشلەرنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە خۇدا ئاتا قىلغان نۇرغۇن ياخشىلىقلارغا مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى يېڭىلاشنى مەقسەت قىلغان ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىدىغان بىر ۋاقىتتۇر! بۇنداق مىننەتدارلىق ۋە ئويلىنىش روھى ئىچىدە رامىزان تۇتۇۋاتقان كىشلەر بىزنىڭ جامائەتلىرىمىزنى كۈچەيتەلەيدۇ ،مۇھتاج كىشلەرگە ياردەم قىلىدۇ ،پاك ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۈلگە تىكلەپ بىرەلەيدۇ ؛ رامىزان بىزگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ دىنى ھايات مەزمۇنىغا قانچىلىك مول مەزمۇن قوشقانلىقىنى ئېسمىزگە سالىدۇ ؛