ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 8- مارت
بۈگۈن ئائىلە نۆۋىتىنىڭ 81- كۈنى شۇنداقلا 8- مارت خانىم – قىزلار بايرىمى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان «ئائىلەم نەدە؟» پائالىيتى قايتىدىن جانلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى.
ئۈچ مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان بۇ پائالىيەتتە باشلىرىغا ئاق ياغلىق چەككەن ئۇيغۇر ئاياللىرى قوللىرىغا غايىپ بولغان ۋە لاگېر، تۈرمىلەردە ئازاپ چىكىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، خىتايدىن ئۇلارنىڭ سورىقىنى قىلدى.
پائالىيەتتە ئىشتىراكچىلار ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئازاپ چىكىۋاتقان مىليۇنلارچە ئاياللارغا بولغان ھۆرمەت بىلەن ئىككى مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى ۋە ئارقىدىن بۇ قېتىمقى «ئائىلەم قەيەردە؟» پائالىيتىنى باشلىغان پائالىيەتچى مەدىنە نازىمى خانىم باشلىنىش نۇتىقى سۆزلىدى. ئارقىدىن نۇزۇگۇم مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر جەمئىيتىنىڭ رەئىسى مىنەۋەر ئۆز تۈرك خانىم ۋە يازغۇچى، ژۇرنالىسىت مەرۋە شەبنەم ئۇرۇچ خانىم ئارقا – ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلاتتى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارغا ساھىب چىقىشىنى خىتاب قىلدى. پائالىيەتكە بىرقىسىم تەشكىلات ۋە پارتىيەلەرنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل ئايال ۋەكىللىرى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
More Stories
ئامېرىكا-ختاي سودا ئۇرۇشدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كىم ؟
ئۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگەككە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار دۆلەت مەجلىسدە ختاينىڭ«دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئئىنكاسى»تېمىسىدا گۇۋاھلىق بەردى