نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا پارلامنېتى يەنە تەيۋەنگە قورال سېتىش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرىۋالدى

رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابلار ئاقساراينىڭ سەيشەنبە كۈنى پارلامنېتقا MQ-9 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە بوئىن شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «بېلىق ئوۋلاش ئارىسى» (خارپون) ناملىق پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىشنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 14- ئۆكتەبىر

 

رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابلار ئاقساراينىڭ سەيشەنبە كۈنى پارلامنېتقا MQ-9 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە بوئىن شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «بېلىق ئوۋلاش ئارىسى» (خارپون) ناملىق پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىشنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

 

رېيتېر ئاگېنتلىقى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاقساراينىڭ پارلامنېتقا 3 خىل قورال سىستېمىسىنى سېتىش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ 3 قورال سىستېمىسى بولسا لوكھىد مارتىن شىركىتىنىڭ «يۇقىرى ھەرىكەتچانلىقتىكى راكېتا سىستېمىسى»، بوئىن شىركىتىنىڭ «مۇساپىسى ئۇزارتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا»، سۈرەت ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يەر يۈزىگە تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغان ئىگە، F-16 كۈرەشچى ئايرۇپىلانىغا ئورنىتىدىغان سىرتقى سېنزور قاتارلىقلار.  يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەربابلار چوڭ تىپتىكى ئېنىقلىقى يۇقىرى ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان، خارپون ناملىق پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە سۇ مىناسى قاتارلىق 4 خىل قورال سىستېمىسىنىڭ سېتىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ پارلامنېتقا پات ئارىدا سۇنۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.