تۈرك دۇنياسى خەلقئارا ئەدەبىيات-سەنئەت فېستىۋالىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
تەييارلىغۇچى: ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 26-ئۆكتەبىر

ياۋروپا-ئاسىيا سەنئەت، كۈلتۈر، ئەدەبىيات ۋە بىلىم فېدېراتسىيەسىنىڭ (ASKEF) ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى تۈرك دۇنياسى 40-قېتىملىق ئەدەبىيات-سەنئەت فېستىۋالى 17-18-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئانتالىيە ۋىلايىتىنىڭ كەمەر رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.
11 دۆلەتتىن كەلگەن 97 نەپەر ئەدەبىيات-سەنئەتچى قاتناشقان بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك، راھىلە كامال ۋە ئامىنە ۋايىت سەدەف قاتارلىقلار قاتناشتى.
پائالىيەت ئايرىم-ئايرىم ئۈچ مەيداندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كەمەر رايونىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 17-ئۆكتەبىردىكى كۈتۈۋېلىش ۋە مېھمانلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە، پېشقەدەم دەۋاگەر ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختالدى.
18-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن مېھمانخانىنىڭ كونسېرت زالىدا ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن شائىرلار، سەنئەتچىلەر شېئىر ئوقۇدى ۋە ئۆز دۆلىتىگە ۋاكالىتەن سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بەردى.
ئۇيغۇر شائىرلارغا ۋاكالىتەن شائىر راھىلە كامال بىلەن نۇرئەلا كۆكتۈرك ئۆزلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىققا تولغان شېئىرلىرىنى ئوقۇدى. ئامىنە ۋايىت سەدەف شېئىر ئوقۇشتىن بۇرۇن، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى شائىر-يازغۇچىلارنىڭ پۈتۈنلەي يوق قىلىنغانلىقىنى، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى، ھەر قايسى تۈرك دۆلەتلىرىدىن كەلگەن شائىر-يازغۇچى ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر كەسىپداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئاخىرىدا راھىلە كامال خانىمنىڭ ”قايغۇرمايمىز“ دېگەن شېئىرىنى تۈركچە دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.
18-ئۆكتەبىر كەچتە كەمەر بەلەدىيەسىنىڭ مەيدانىدا خەلققە ئېچىۋېتىلگەن چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىپ، ئانتالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىدىن بىر گۇرۇپپا چىرايلىق مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ، بويۇنلىرىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى ئېسىپ پائالىيەتكە قاتناشتى.
ئۇيغۇر ناخشىچى ئادىلە خانىمنىڭ مىللىيچە سەھنە كىيىمى بىلەن يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇنلاپ بەرگەن ”سالام خەلقىم“ دېگەن ناخشىسى مەيداندىكىلەرنى ھاياجانلاندۇرسا، باشقا ئۇسۇللۇق ناخشىلىرى پائالىيەتنىڭ جۇشقۇنلۇقىنى ئەۋجىگە چىقاردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا، گېزىتلەردە ”سەنئەت ۋە قېرىنداشلىق“، ”سەنئەتنىڭ ۋە قېرىنداشلىقنىڭ يۈرىكى كەمەردە سوقتى“، ”كەمەردە سەنئەت ۋە قېرىنداشلىق شاماللىرى“، ”كەمەردە خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر ۋە سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى“ دېگەندەك ماۋزۇلاردا ئېلان قىلىندى.
ئەزەربەيجان تېلېۋىزىيەسى بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلىدى.