ئامېرىكىدا «بىزگە پادىشاھ كېرەك ئەمەس» ناملىق نامايىش ئىلىپ بىرىلدى
ئەسكەرتىش: بىز ئامېرىكا ئىككى پارتىيە ئىچىدىكى سياسەتلەر ۋە ھەرىكەتلەرنى تەرجىمە ئاساسدا تەييارلىدۇق. بۇنىڭدا بىز ھېمايە قىلىدىغان ياكى قارشى تۇرىدىغان پارتىيە تەسرى يوق.
ئامېرىكا ئىككى چوڭ پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق كەسكىنلىشىپ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.
زىددىيەتنىڭ يېڭى باسقۇچقا ئۆتۈشى
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن دېموكراتچىلار پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي توقۇنۇش 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە خامچوت قانۇن لايىھەسىدە كېلىشىمگە كېلەلمەسلىكىدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. بۇ ئىختىلاپ -دۆلەت مەجلىسدىكى كەسكىن تالاش-تارتىشلار، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئەيىپلەشلەر ۋە كەڭ كۆلەملىك كوچا نامايىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
بىزگە پادىشاھ كېرەك ئەمەس» ناملىق پۈتۈن مەملىكەتلىك نارازىلىق ھەرىكىتى
10-ئاينىڭ 18-كۈنى، نيۇ-يورك، لوس-ئانژېلېس، ۋاشىنگتون دى.سى.، چىكاگو قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
نامايىش تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شەنبە كۈنىدىكى بۇ ھەرىكەتكە شۇ كۈنى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 2700 دىن ئارتۇق شەھەر-بازاردا نەچچە مىليون ئادەم قاتناشقان. بۇ نامايىش ئالتە ئاي ئىلگىرى، يەنى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇنجى قېتىم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «بىزگە پادىشاھ كېرەك ئەمەس» دېگەن ئېتىراز ھەرىكىتىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.
دېموكراتلارنىڭ قارشى تۇرۇۋاتقان ئاساسلىق سىياسەتلىرى
نامايىشچىلار ۋە ئۇنى قوللىغۇچى دېموكراتچىلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكى سىياسەتلەرگە قارشى تۇردى:
- كۆچمەنلەرگە زەربە بېرىش: چېگرا ۋە ئىچكى ئىشلار سىياسەتلىرى ئارقىلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش.
- داۋالاش سۇغۇرتىسى ياردىمىنى ئازايتىش: تۆۋەن كىرىملىكلەرگە ياردەم بېرىدىغان داۋالاش سۇغۇرتا پروگراممىلىرىنى (مەسىلەن، ئوباماۋا (Obamacare)نىڭ ئورنىغا ئۆتكۈزۈش تەكلىپلىرى) كېمەيتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.
- دۆلەت مۇھاپىزەتچى ئەترىتىنى شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش: نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن فېدېراتسىيە كۈچلىرىنى ئىشلىتىش.
- چەتئەللەرگە تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش: يېڭى سودا سىياسەتلىرى بىلەن خەلقئارا بازاردا بېجىنى ئۆستۈرۈش.
- د.ي.ئى (DEI – ئوخشاشلىق، كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆز ئىچىگە ئېلىش) سىياسەتنى قانات يايدۇرۇشقا قارشى تۇرۇش: مىللەت، جىنىس، ئىرق ئاساسىدىكى ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە باراۋەر پۇرسەت يارىتىش پروگراممىلىرىغا چەك قويۇش ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش.
سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ ئورنى
ھۆكۈمەت تاقىلىپ قالغاندىن بۇيان، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ داڭلىق رەھبەرلىرى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى نانسى پېلوسى، سېناتور چاك شۇمېر، پارلامېنتتىكى دېموكراتلارنىڭ رەھبىرى ھاكىم جېففرېي، سېناتور بېرنىي ساندېرس، پارلامېنت ئەزاسى ئالېكساندىريا ئوكاسىيو-كورتېز (AOC) ۋە كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نيۇسوم قاتارلىقلار پارتىيىنى ئىتتىپاقلىشىپ، ترامپقا قارشى كۈچ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە چاقىردى.
ئەمما، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكىلەر بولسا، دېموكراتلارنى خەلقنى قۇتراتقۇلۇققا ئۈندەش ۋە سىياسىي قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى دەپ ئەيىبلىدى.
نامايىشتىكى نۇتۇقلار
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ۋېرمونت شتاتىنىڭ سېناتورى بېرنىي ساندېرس ۋە كوننېكتىكات شىتاتىنىڭ سېناتورى كرىس مۇرفى سۆز قىلدى.