نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ساختا پاسپورت بىرىش ئالدامچىلىقى

ختاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ساختا پاسپورت بىرىش ئالدامچىلىقى

تېلگىراف گېزىتى 2025-يىلى 8- ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتىشقامەجبۇرلاش ئۈچۈن مەخپىي پاسپورت پىلانى تۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلاندى. قايتىپ كەلگەنلەر تۇتۇلۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
🚩 بۇ ئالدامچىلىق قانداق ئىشلەيدۇ؟
خىتاينىڭ دىپلوماتىك ئورگانلىرى چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا يېڭى پاسپورت بېرىدۇ، لېكىن قەستەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى خاتا بېسىپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن ئىسىم ۋە تۇغۇلغان ۋاقىت قاتارلىقلار. مەسىلەن، قىرغىزىستاندا ياشايدىغان 52 ياشلىق ئاشپەز ئوبۇلقاسىم ئىسمائىلغا ئەيسىكەر نۇرمەمەت ئىسىملىك پاسپورت بېرىلگەن، تۇغۇلغان ۋاقتى بولسا خاتا ھالدا 1966-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى دەپ يېزىلغان.

خەتىرى:
بۇ مەخپىي پاسپورت قىلتىقى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا. بۇنىڭدىن زىيان تارتقانلار ساختا پاسپورت ياساش ۋە ئ‍شلىتىش جىنايتى بىلەن چەتئەلدىكى شۇ دۆلەتتە تۇرۇش ھوقۇقىنى يوقىتىش، ۋىزىنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە ئاخىرىدا خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. خىتايغا قايتۇرۇلغاندا ئۇلار قولغا ئېلىنىش، قاماققا سولىنىش، سوتقا ھۆكۈم قىلىنىش ياكى باشقا جازالارغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.