نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تارىخىي قەلئە شەھىرى ۋاكاياما شەھىرىدە تۇنجى قېتىم كوچا پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى

يەرلىك ئىككى ئەزا ۋە چىبادىن كەلگەن بىر قوللىغۇچى ئىسسىق ھاۋادا پائالىيەتكە قاتنىشىپ، نۇرغۇن كىتاب ۋە ۋاراقلارنى تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

ئۆتمۈشتە ئۇلۇغ توكۇگاۋا شوگۇنلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ۋاكاياما خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتى ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان. خىتاينى بىر ئاماللار بىلەن توختىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بىلدۇرگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ساۋۇتجان مۇنداق دېدى: «بىز يەرلىك ئەزالار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ۋاكايامادا پائالىيەتلىرىمىزنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ماڭا ياردەم قىلغانلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.