نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

خىتاي ئۈرۈمچىدە «سودا-سانائەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق» يىغىنى ئۆتكۈزدى

human rights

خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى بۇرمىلاش مەقستىدە بىر يۈرۈش ئاكادىمىك سياسى تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە. يېغىننىڭ تەمىنات زەنجىرىگە بولغان ئېنىقلىمىسى-ختاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەك تەسىرىدە ئېقتسادى قىينچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرستىدۇ.

2025-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، «سودا-سانائەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى دۆلەت سوتچىلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» شۆبىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى»، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.

يىغىنغا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شىياننەن سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، دىپلوماتىيە ئىنستىتۇتى، شىيابېي سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتى، سۇجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئون نەچچە ئالىي مەكتەپ، شۇنداقلا خىتاي توقۇمىچىلىق سانائىتى بىرلەشمىسى، دۇنيا بانكىسى خەلقئارا مالىيە شىركىتى، خاڭجۇ خايكاڭۋېيشى رەقەملىك تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلاردىن 70 تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ئۈرۈمچىدە يىغىلىپ، «سودا-سانائەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نەزەرىيىسىنى ئىزدىنىش» ۋە «سودا-سانائەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەمەلىيىتى» دېگەن ئىككى چوڭ تېما ئەتراپىدا، تەمىنات زەنجىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقى، كارخانىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتى، سۇپا خىزمەتچىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئەنۋەرجان مۇنداق دىدى:« بۇ يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش، ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنى بۇرمىلاش ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر مىسالىدۇر. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى چەكلەنگەن بىر ۋاقىتتا، «بۇنداق يىغىنلار ئۆتكۈزۈش پەقەت دۇنيانى ئالداشقا قارىتىلغان قارا تەشۋىقاتتۇر.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.