نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ترامپ:خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئىنتايىن قىيىن!!

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈشنىڭ ”ئىنتايىن قىيىن“ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاق ساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ترامپ بىلەن شىنىڭ بۇ ھەپتە سۆزلىشىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

”مەن خىتاي پرېزىدېنتى شىنى ياخشى كۆرىمەن، ھەمىشە ياخشى كۆرگەن ۋە ھەمىشە ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ئۇ ناھايىتى قاتتىق، ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئىنتايىن قىيىن!!!“ دەپ يازدى ترامپ Truth Social تورىدا.

ۋاشىنگتون ۋە بېيجىڭ بىر-بىرىنى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى شىۋېتسارىيەدە ئىمزالانغان سودا كېلىشىمىنى بۇزغانلىقتا ئەيىبلىدى. بۇ كېلىشىم كۆپىنچە جازا باجنى 90 كۈنلۈك توختىتىش، شۇنداقلا خىتاينىڭ 4-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان ئامېرىكىغا قارشى قوللانغان سودا قارشى تەدبىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە بىكار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.