نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

«گرېنلاندىيە»نىڭ تەقدىرى خەلق بىلەت تاشلىماقتا

نورمال ۋاقىتلاردا، بۇ سايلام يەر شارىنىڭ قالغان قىسمىغا قارىتا بەك كۆپ قىزىقىش پەيدا قىلمايتتى. تەخمىنەن 40,000 ساندا سايلىغۇچىلار ئاران 31 پارلامېنت ئەزاسىنى تاللايدۇ، ۋە بۇنىڭ ھەممىسى تولۇق ئاپتونومىيەگە ئىگە بولمىغان بىر ئارالدا بولۇۋاتىدۇ.

لېكىن ھازىر نورمال ۋاقىت ئەمەس ۋە بۇ سايلام 11-مارتتا گرېنلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ شىمالىي يەر شارى رايونىدا تېخىمۇ كۆپ گېئوپولىتىك داۋالغۇشلارنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن.

بىرىنچىدىن، «گرېنلاندىيە» مۇستەقىللىقىنىڭ تەرەپدارلىرى بۇ سايلامنىڭ دانىيەدىن گرېنلاندىيەنىڭ تولۇق ئايرىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ۋە بەلكىم ئەڭ مۇھىمى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن نويابىردا سايلانغاندىن بېرى «گرېنلاندىيە»نى ئامېرىكىنىڭ بىر قىسمى قىلىش توغرىسىدا سۆزلەپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ سايلام ئەھمىيەتكە ئىگە.

گرېنلاندىيەنىڭ مىنېرال بايلىقى

ترامپ گرېنلاندىيەنى كونترول قىلىشنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپ قېتىم سۆزلىگەن. 1950-يىللاردىن بېرى، ئامېرىكا گرېنلاندىيەنىڭ شىمالى-غەربىدە پىتۇففىك ئالەم بازىسىنى ئىشلىتىپ كەلگەن.

بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەڭ شىمالىي تايانچ نۇقتىسى بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئالەم-بوشلۇقىنى كۆزىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇرۇن، سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە، بۇ بازا تۇلې ھاۋا بازىسى دەپ ئاتىلاتتى ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئەۋەتىپ، پوتېنسىيال سوۋېت ھۇجۇملىرىغا قارشى مۇداپىئەنى باشلاشقا تەييارلانغان ئىدى.

چەتئەل ئارىلىشىشى

بۇنى نەزەردە تۇتقاندا، گرېنلاندىيە دۆلەتنىڭ سايلىمىغا سىرتتىن تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى نۇقتىسدىن – مەسىلەن، رۇسىيە ياكى خىتايدىن، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى مەزكۇر قۇتۇپ رايونىدا ئۆز بىخەتەرلىك مەقسدىنى قوغلىشىۋاتقان بولغاچقا – باشنى قاتۇرۇشىغا توغرا كەلدى.

دانىيەنىڭ دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات مۇلازىمىتى، يەنى PET، بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ساختا ئاخباراتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

«گرېنلاندىيە سايلىمىنىڭ باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ھەپتىلەردە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قانچە ساختا ھېساباتلار بايقالدى، ئارىسدا، دانىيەلىك ۋە گرېنلاندىيەلىك سىياسىيونلارنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغان ھېساباتلارمۇ بار، بۇلار جامائەت پىكرىنى قۇتۇپلاشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتتى»، دەپ بايان قىلدى PET، گەرچە بۇ ھېساباتلارنى مەلۇم بىر دۆلەت بىلەن باغلىمىغان بولسىمۇ.

كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەتقىقاتى كافېدراسىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى يوھان فاركاس بۇ خىلدىكى يازمىلار بىلەن تونۇش، چۈنكى ئۇلار رۇسىيە ئاخباراتلىرىدىمۇ تارقىلىپ كەلگەن. لېكىن ئۇ بۇلارنىڭ گرېنلاندىيە سايلىمىغا كۆپ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئويلايدۇ، چۈنكى دانىيەچىدىن باشقا، يەرلىك خەلق كۆپىنچە گرېنلاندىيەچە، يەنى بىر خىل ئىنۇئىت تىلىدا سۆزلەيدۇ.

سىياسىي جېدەللەر

يىلنىڭ باشلىرىدىن بېرى، گرېنلاندىيەنىڭ كېلىدىغان سايلىمى ھەققىدە بىر قاتار جېدەللەر بولۇپ كەلدى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ترامپنىڭ «ئامېرىكىنى قايتا ئۇلۇغ قىلىمىز» ھەرىكىتىدىن بولغان تەسىر كۆرسەتكۈچىلەر گرېنلاندىيەنىڭ پايتەختى نۇۇكتا 100$ لىق پۇللارنى تارقاتقان.

يەرلىك پارلامېنت ئەزاسى كۇنو فېنكېر ۋاشىنگتونغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر جۇمھۇرىيەتچى سىياسىيون بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ كىشى ئۇنىڭغا گرېنلاندىيەنىڭ قانداق قىلىپ ئامېرىكا تېررىتورىيەسى بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆزلىگەن.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەتقىقاتى پروفېسسورى فاركاس مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر ئاي ئىلگىرى ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك ئەندىشە قىلغان ئىدىم.»

فېۋرالنىڭ باشلىرىدا، گرېنلاندىيەنىڭ پارلامېنتى، يەنى 31 كىشلىك ئىناتسىسارتۇت، «چەتئەلنىڭ ۋە ئىسىمسىز بىرىلگەن ئىئانىلەر»نى يەرلىك سىياسىي پارتىيەلەرگە چەكلەيدىغان قانۇننى ماقۇللىدى. دانىيەدىن كەلگەن ئىئانىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.