نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۇيغۇر قىزى نەيرۇلا تايلاند سوتىدا قاماقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن

ئۇيغۇر قىزى نەيرۇلا تايلاند سوتىدا قاماقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-فېۋرال تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست نەيرۇلا 14-فېۋرال جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا 12 يىلدىن بېرى قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن مۇتەخەسسىس گۇۋاھچى سۈپىتىدە سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ھېكايىسى ۋە ھازىرقى ئاساسىي ئەھۋالى، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ خەتىرى ۋە ئۇلارنى بىخەتەر جايلاشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا توختالغان. نەيرۇلا ئىلگىرى نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى. تايلاند سوتىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى سوتتا مۇھاكىمە قىلىشى بىر ئىجابىي قەدەم بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئاشكارا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىغا بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 14-فېۋرال

تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست نەيرۇلا 14-فېۋرال جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا 12 يىلدىن بېرى قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 43 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن مۇتەخەسسىس گۇۋاھچى سۈپىتىدە سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ھېكايىسى ۋە ھازىرقى ئاساسىي ئەھۋالى، ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ خەتىرى ۋە ئۇلارنى بىخەتەر جايلاشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا توختالغان.

نەيرۇلا ئىلگىرى نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى.

تايلاند سوتىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىنى سوتتا مۇھاكىمە قىلىشى بىر ئىجابىي قەدەم بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئاشكارا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىغا بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.