نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدىنېتى ۋانس ياۋروپانى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدىنېتى ۋانس ياۋروپانى تەنقىد قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،14-فېۋرال

مۇئاۋىن پرېزىدېنت جەي دى ۋانس گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقان ياۋروپا ئىتتىپاقداشلىرىنى «ئىچكى تەھدىت»تىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلقنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى ھەددىدىن زىيادە سەنسور (نازارەت ) قىلىۋاتقانلىقى ۋە «تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان كۆچمەنلىك» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«مېنىڭ ياۋروپا ھەققىدە ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم رۇسىيە ئەمەس، خىتاي ئەمەس، ياكى ھەر قانداق باشقا تاشقى كۈچمۇ ئەمەس» دېدى ئۇ . « ئەنسىرەيدىغىنىم ئىچكى تەھدىت، ياۋروپانىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قىممەت قاراشلىرىدىن، يەنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلىرىدىن چېكىنىشىدۇر.»

ۋانس ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان رۇمىنىيەنىڭ يېقىندا رۇسىيەنىڭ خاتا ئۇچۇر تارقىتىش دەلىللىرى سەۋەبىدىن پرېزىدېنتلىق سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى. «ئەگەر سىزنىڭ دېموكراتىيىڭىز چەت دۆلەتتىن كەلگەن بىر نەچچە يۈز مىڭ دوللارلىق رەقەملىك ئېلان بىلەن ۋەيران بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ باشتىنلا ئانچە كۈچلۈك بولمىغان دېموكراتىيەدۇر»دېدى ئۇ. «مەن ياۋروپالىق دوستلىرىمدىن بۇ ھەقتە ئويلىنىپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.