نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاي بۇ ئۇيغۇر قېزىنى ختايغا ۋاكالىتەن دۇنيا ساياھەت خانقىزى مۇسابىقىسگە قاتناشتۇرىدۇ.

دۇنيا ساياھەت خانقىزى

دۇنيا ساياھەت خانقىزى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 28-دىكابىر

ختاي ئۆز دۆلىتىنىڭ ئوبرازى ۋە ئېقتسادى مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىدىغان بارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلمەكتە.

12-ئاينىڭ 22-كۈنى 2024-يىللىق دۇنيا ساياھەت خانقىزى ختاي يىللىق چېمپىيونلۇق تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ختاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خېڭديەندە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاتالمىش شنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىن كەلگەن ماھىر تۇرسۇنئاي راخمان توردا ئالقىشقا ئېرىشىپ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق Tسەھنىسىدە ماھارەت كۆرسىتىش، سەنئەت ماھارىتى كۆرسىتىش قاتارلىق ھالقىلاردا مۇنەۋۋەر ئىپادىلەش كۈچى، كەسپىي شەكىل، قائىدە ـ يوسۇن قاتارلىقلارغا تايىنىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

ختاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، تۇرسۇنئاي ختايغا ۋاكالىتەن دۇنياۋى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى مۇنداق دىگەن: «ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقاندا، داۋاملىق بىر قسم شەخسلەرنى تاللاپ، نەمۇنە شەكلىدە دۇنياغا تەشۋىق قىلىشى ئۇنىڭ دائىملىق تەشۋىقات ئۇسۇلى بولۇپ، ختاينىڭ ئۆز ئاجىزلىقىنى يوشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.ئەمما بۇنىڭ يامان تەسرىمۇ بولىدۇ، ئۇيغۇرلار تاراتقۇلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق ختاينى پاش قىلىشى لازىم.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.