نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاي چاغاننى ب د ت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن

ختاي باھار بايرىمىنى ب د ت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن

ختاي باھار بايرىمىنى ب د ت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 7-دېكابىر

ختاي خەلق تورىغا ئاساسلانغاندا، پاراگۋاينىڭ ئاسۇنسىئون شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتىنىڭ 19 ـ نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنى 12 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى باھالاشتىن ئۆتكۈزۈپ، «باھار بايرىمى − ختايلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى»نى ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى (ئۇيغۇر تايمىز)نىڭ تەكشۈرشىگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتى ختاينىڭ مەزكۇر تەلىۋىنى رەسمى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئورگان ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان.

بۇ خىل ختاينىڭ ئ‍ۆزىنى مەدەنىيەتلىك دۆلەت قىلىپ كۆرستىشتىكى بىر ئۇرۇنۇشى ھېسابلىنىدۇ.

https://ich.unesco.org/debug/en/19com

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.