نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

سۈرىيە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرى ھەلەپ شەھىرىنى ئ‍شغال قىلدى

سۈرىيە-ئۆكتىچىلەر-ھەلەپ

سۈرىيە-ئۆكتىچىلەر-ھەلەپ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-نويابىر

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە، سۈرىيەدە باشار ئاساد ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۆكتىچى قوراللىقلار سۈرىيەنىڭ چوڭ شەھىرى ھەلەبنى ئ‍شغال قىلغان. بۇ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ 8 يىلدىن بىرى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئۆكتىچلەر ئارىسدا، سۈرىيە دىموكراتىك كۈچلىرى، شام ئازاتلىق تەشكىلاتى، تۈركستان ئ‍سلام پارتىيسى ..قاتارلىقلار بار ئىكەن.تاراتقۇلار سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى قوللىغان دەپ خەۋەر قىلماقتا.

سۈرىيەنىڭ مۇھىم شەھىرىنىڭ تۇيۇقسز ئۆكتىچىلەر قولىغا چۈشۈپ قىلىشى جىددى دىققەت قوزغىدى.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى يىللاردىن بىرى روسيە ۋە ئىراننىڭ ياردىمى، ھىزبۇللا (يەنى ئاللاھ پارتىيسى)نىڭ بىۋاستە ھەربى قاتنىششى بىلەن ھازىرغىچە پۇت دەسسەپ تۇرغان. ئسرائىلىيە ۋە ھىزبۇللا (يەنى ئاللاھ پارتىيسى)،ئ‍ۇرۇشىدا، ھىزبۇللا پۈتۈنلەي ئاجىزلاپ، ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. ھىزبۇللا (يەنى ئاللاھ پارتىيسى)نىڭ ئاجىزلىششى سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرگە ياخشى پۇرسەت ياراتتى.تەنقىدچىلەر ئەردوغان بىلەن ئ‍سرائىلىيەنىڭ بۇ مەسلىدە بىرلىككە كىلىشگە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

كەلگۈسى نائېنىق:

نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيتى ئۆزگىرىپ تۇرماقتا.روسيە، ئىران ختاي بىرلىكى بىلەن ئامېرىكا ۋە ئ‍سرائىلىيە بىرلىكى ئوتتۇرسدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىمۇ جىددى ئۆزگىرىپ تۇرماقتا.ئەمما ھاماس ۋە ھىزبۇللارنىڭ ئاجىزلىششى بىلەن ئىرانمۇ جىددى ئاجىزلاشتى، سۈرىيەنىڭ ئۆكتىچىلەر قولىغا ئۆتۈشى-ئوتتۇرا شەرقتە غايەت زور كۈچ ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئەگەر بۇ ئۆكتىچلەر راستىنلا سۈرىيەنى قولغا چۈشۈرسە، كىينكى قەدەمدە نىمە يۈز بىرىدۇ؟ ئۆكىتىچلەر قانداق سياسەت يۈرگۈزىدۇ؟ قايسى دۆلەتنىڭ ئ‍اغزىغا قارايدۇ ياكى ئاغزىغا قارىتىدۇ؟ بۇنىسى نامەلۇم

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.