نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ياپونىيە پارلامېنتى سايلىمىدا ئارفىيە ئېرى يەنە ئۇتۇپ قايتا سايلاندى

ئارفىيە ئېرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 27-ئۆكتەبىر

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ 27-ئۆكتەبىر ئېلىپ بېرىلغان سايلىمىدا، ئىچىكاۋا ۋە ئۇراياسۇ سايلام رايونىغا ۋاكالىتەن سايلامغا قاتناشقان لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسى نامزاتى، ۋەزىپىدىكى پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئېرى سايلامدا ئۇتۇپ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشكە سايلاندى.

ئارفىيە ئېرى بۇ سايلام رىقابەت پائالىيتى جەريانىدا ياپونىيەنىڭ ختايغا قارشى قاتتىق قول سياسەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئىلىپ بىرىپ، ياپونىيەنىڭ داۋاملىق ختايغا قاتتىق قول بولۇشنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك ئەسلىلىك، 36 ياشلىق ئارفىيە ئېرى، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ ياش ئايال پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئىچىكاۋا شەھىرى ياخاتا رايونىدا ياشايدۇ. ئۇ جورج تاۋىن ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى سىياسەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان.

ئارفىيە ئېرى يەتتە تىل بىلىدىغان بولۇپ، TIME ژۇرنىلىنىڭ «كېلەر ئەۋلاد 100» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئۇ ياپونىيە-ئامېرىكا فوندى دېرېكتورى.

ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا eri_arfiya نامى بىلەن پائالىيەت قىلىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.