دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولدى
يۈسۈپجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 30-ئاپرېل
30-ئاپرېل «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋدۇن، ئاياللار كومىتېتى ۋەكىلى زۇمرەتئاي ئەركىن قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا زىيارەتتە بولغان.
زىيارەت جەريانىدا د ۇ ق ۋەكىللىرى فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فىنلاندىيە شۆبىسى، فىنلاندىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، ئاياللار كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشتە بولۇپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
29-ئاپرېل كەچتە فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە د ۇ ق ۋەكىللىرى ۋە فىنلاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ھۈسەيىن ئالتاي ئەپەندى ۋە تۇنىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ فىنلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سارە شەئۋانى خانىملار ئىشتىراك قىلغان.
More Stories
5-ئيۇل قەتلىئامى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشلىرى ۋەخاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ باردى.
دولقۇن ئەيسا:15-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى ئەسلەيمەن!
مىيونخېندا چاقىرىلغان 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ياشلار كېڭىشى غەلىبىلىك ئاياقلاشقان