نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

شۋىتسيە سىكادا مۇكاپاتى 2024 ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىلگە بېرىلدى

tahir hamut izgil

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 23-سنتەبىر

بۈگۈن ئىلان قىلىنغان ئورگان باياناتىدا مەزكۇر مۇكاپات كومېتىتى مۇنداق دىگەن:

«شەخسىي ۋە سىياسىي تارىخنى بىرلەشتۈرگەن، يوقىلىشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر خەلق ۋە تىلنىڭ ئاۋازىنى ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا يوقىتىش، مۇھەببەت، ئۈمىد ۋە ھايات قېلىشتەك ئومۇمىي تېمىلارنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئالاھىدە شېئىرلىرى ئۈچۈن، شۋىتسيە سىكادا مۇكاپاتى 2024 ئۇيغۇر شائىرى تاھىر ھامۇت ئىزگىلگە بېرىلدى»

تاھىر ھامۇت ئىزگىل مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە مۇنداق يازغان:

شېئىرلىرىمنى بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرگەن مۇكاپات باھالاش ھەيئىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. شېئىرلىرىمنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، خەلقارادا تونۇلىشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن جوشۇا فرېيمىنگە ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان دوستلارغا تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن.

بۇ مۇكاپاتنىڭ ماڭا بېرىلىشى يالغۇز مېنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىمنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مەدەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.