نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

بىزدىن ئايرىلغانلار: بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئۇسۇل ئۇستازى مەريەم ناسر 84 يېشدا ئالەمدىن ئۆتتى

meryem nasir

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 17-ئاۋغۇست

داڭلىق سەنئەتكار، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر زامانىۋى ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۆھپىكار شەخس مەريەم ناسر 2024-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 84 يېشىدا ئۈرۈمچىدە كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

مەريەم ناسر كەڭ ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدە تۆھپىسى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن ئېتىراپ قىلىنغان.ئۇ ھەم ياش ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش ۋە ئورۇنلاش ساھەسىدىمۇ كۆرىنەرلىك خىزمەت قىلغان.

مەريەم ناسرنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن بىر يوقتىش ھېسابلىنىدۇ.

مەريەم ناسر-گەرچە كىينكى پېينسيە ھاياتى تىچلىق ئىچىدە ئۆتكەن بولسمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ختاي ئېجتىمائى تاراتقۇلىرىدا ختاينىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت خاسلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا دائىر مەزمۇنلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. لاگىر ۋە تۈرمىدىن ئامان قالغان بولسمۇ، باشقا ئامان قالغان ياكى ئامان قالدۇرۇلغانلارغا ئوخشاش، كۆپ قېتىم ختاينىڭ ئاكتىپ سياسى ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشپ، ختاينىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكى، تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئۇيغۇر سەنىئىتىنى ختاينىڭ جۇڭخۇۋا مەدەنىيتىنڭ بىر قسمى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقى دەللىلەندى.

ئ‍ۇنىڭ بىر قسم ئەسەرلىرى:

1985-يىلىدىكى تاتارچە ئۇسۇلى:

https://www.instagram.com/panteken/reel/C7lluZeuNQ-

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.