نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

«ئاھىم»ناملىق ناخشا تارقىتىلدى

ئاھىم ناملىق ناخشا

تۇتقۇندىكى ۋە سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنگلىز ۋە فىرانسۇز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ ۋە ئۇلارنى ناخشا ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان مىركامىل ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى WTFkistan نىڭ ئۇيغۇرچە ناخشىسى <<ئاھىم>> بۈگۈن، يەنى 5-ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15-خاتىرە كۈنىدە ھەرقايسى سۇپىلاردا تارقىتىلدى.

ئاھىم

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد شېئىرى

مىركامىل ئىجادىيىتى

كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم.

ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم.

ئىزدەپ تىنىچلىق بارسام ئىلىغا،

قانىتى بوغۇرق كەپتەردە ئاھىم.

ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى،

جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم.

تۇرپاندا قەبرە، بولدۇم ھازىدار،

شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم.

كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ،

ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.