نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

جەۋھەر ئىلھام ئانتونى بىلىنكىن كۆرۈشتى

جەۋھەر ئىلھام ۋە ئانتونى بىلىنكىن

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 11-ئ‍ېيۇل

ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە تەتقىقاتچى، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر پىروففىسور ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئ‍شلىرى مەھكىمسى كاتىۋى ئانتونى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشۈپ دادىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

جەۋھەر مۇنداق ئېجتىمائى تاراتقۇ ئەكستە دىگەن: «يېقىندا مەن دۆلەت ئ‍شلىرى مەھكىمىسى كاتىۋى ئانتونى بىلىنكىن بىلەن كۆرۈشۈپ، دادام ئىلھام توختى ھەققىدە سۆھبەتتە بولدۇم.مەن ئانتونى بىلىنكىننىڭ دادامنىڭ قويۇپ بىرىلىشى ئۈچۈن كەسكىن ئىرادە بىلەن تىرىشچانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئىلھاملاندىم.مەن ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەگەر ختاينى تەنقىد قىلىشنى توختاتمىسام دادام بىلەن ھەرگىز كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىم ھەققىدىكى تەھدىتلەرگە قارىماستىن،مەن داۋاملىق قەيسەر بولىمەن.مەن تاكى دادام ۋە مىلىيونلىغان ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە ئېرىشمىگۈچە ختاي ھۆكۈمىتىدىن ھېساب سوراش ئۈچۈن تېرشچانلىقلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.