نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-ئۇيغۇر جازا لاگىرلىرى ئۈستىدە ھاۋا ئارمىيسى مانىۋىرى ئىلىپ بارىدۇ

ياۋرو-ئاسيا ۋاقتى: ختاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-ئۇيغۇر جازا لاگىرلىرى ئۈستىدە ھاۋا ئارمىيسى مانىۋىرى ئىلىپ بارىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 11-ئېيۇل

ياۋروپا ئاسيا ۋاقىت گېزىتى بۈگۈن ئىلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ختاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيسى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى بىرلىشپ، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستان ئاسمانلىرىدا تىرورلۇققا قارشى ھاۋا ئارمىيسى مانىۋىرى ئىلىپ بارىدىكەن.

ئاتالمىش بۈركۈت قالقىنى 2024 ( Falcon Shield-2024 ) دەپ ئاتالغان مەزكۇر ھاۋا ئارمىيسى بىرلەشمە مانىۋىرى، 2023- يىلى تۇنجى قېتىم ئ‍ۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ختاينىڭ مەقسىدى، ئۆزىگە ئۇيغۇرلارغا قارشى تېخىمۇ كۆپ ئېتتپاقداش تېپىش ۋە ئۇلارنى ئ‍ۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەتلىرىدە بىرلىكسەپ بەرپا قىلىش ئىكەن.

ختاي دۆلەت مۇداپىئە منستىرلىكى:« مەزكۇر مانىۋىرنىڭ مەقسدى ئىككى دۆلەتنىڭ ستىراتىگىيەلىك ئ‍شەنچ ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق نشانغا تەڭ يېتىشتۇر.» دىگەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھاۋا ئارميسى ختايدىن Wing Loong 1 and Wing Loong 2 كۆرەشچى ئايروپىلاننى ستىۋالغان.شۇنداقلا ختاينىڭ تانكىسنى ئ‍شلەتمەكتە ئىكەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-ختاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم ئېتتپاقدىشى بولۇپ، ئەزەلدىن ب د ت دا ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوللاپ كەلمەكتە، تاراتقۇلار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكىدە ختاي ساقچىخانىلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوراق قىلىنغاندىن كىين ياكى قويۇپ بىرىلگەن ياكى ختايغا ئىلىپ كېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.