نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

بايدىن بىلەن تىرامپ پىرەزدىنتىلىق تۇنجى مۇنازىرسدە بايدىننىڭ ئىپادىسى ئۆز پارتىيسنى چۆچۈتتى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 28-ئ‍يۇن

جورجىيا شتاتى ئاتلانتا شەھىرىگە جايلاشقان ئامېرىكا سىملىق تېلىۋىزيە ئ‍ستانسسى ( CNN) باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرەزدىنتلىق سايلىمى تۇنجى مۇنازىرسى 28-ئ‍يۇن ئىلىپ بىرىلدى.

دىموكراتلار پارتىيسى نامزاتى جوۋ بايدىن بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى نامزاتى دونالد تىرامپ ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىغان مۇنازىرە 90 مىنۇت داۋاملاشتى.مۇنازىرە-ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقىنى قوللاش-قوللىماسلىق، قانۇنسز كۆچمەنلەر مەسلىسى، ئۇكرائىنا ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسلىسى، ئېقتساد ۋە پۇقرالار تۇرمۇشى قاتارلىق تېمىلاردا ئىلىپ بىرىلدى، بايدىن تىرامپنى ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقىنى چەكلەيدۇ، بايلاردىن باج كېمەيتىپ، پۇقرالارغا ئىغىر ئىقتسادى ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ ئەيىپلىدى، ترامپ بايدىننى «ئامېرىكىنى قانۇنسز جىنايەتچى كۆچمەنلەرگە ئىچىپ ئامېرىكىنى قالايمىقان قىلدى، ئامېرىكىنى ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشغا سۆرەپ كىرىدۇ، پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى..» دەپ ئ‍ەيىپلىدى.بايدىن تىرامپنى-«بىرىنچى يالغانچى، جىنايەتچى، دىموكراتىيەنىڭ دۈشمىنى، ئايالى ھامىلدار تۇرسا، ئاشنا ئوينىغان» دەپ ھۇجۇم قىلدى، تىرامپ بايدىننى «ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ناچار، ئەڭ ئىقتىدارسز پىرەزدىنت» دەپ ھۇجۇم قىلدى.

گەرچە بايدىن مۇنازىرىدىن بۇرۇن مارىلاند شتاتىدىكى پىرەزدىنتلىق ئارامگاھى داۋىد لاگىرىدا نەچچە كۈن مۇتەخەسسلەر ۋە سايلام ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە مەشىق ۋە تەييارلىق قىلغان بولسمۇ، ئەمما مۇنازىرە جەريانىدا، ئۇنىڭ دۇدۇقلىشى، ئاۋازىنىڭ ئالاھىدە پەس بولۇشى، سۆزلىرىنى ئۇققىلى بولماسلىقى سەۋەبىدىن دىموكراتلار پارتىيسى ئىچىدە زور غۇلغۇلا ۋە قورقۇنچ پەيدا قىلدى.

ھازىرغىچە بارلىق تاراتقۇلار مۇنازىرىدە تىرامپ ئۇتتى، بايدىن ئۇتتۇردى دەپ باھالىماقتا.

ئۇنىڭ ياش ۋە ئەقلى ساغلاملىقى -قايتىدىن بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.تىرامپ بۈگۈن ۋىرگىنىيە شتاتىدا ئىلىپ بارغان سايلام پائالىيتى جەريانىدا سۆزلەپ، ئۆز غەلبسنى تەبرىكلىدى، بايدىننى مەسخىرە قىلدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.