نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ۋېرجىنيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ئىككى ئادوۋكات دوستلىرى بىرايىن ۋە دانىيال بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىلدى

ئەلفىدار

ئەخمەتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-فېۋرال

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فايىر فاكىسقا جايلاشقان ئۇيغۇر مەركىزىدە، ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى پاناھلىق ئىلتىماس ئ‍شلىرىدا، ئادوۋكاتلىق مۇلازىمىتى تەمىنلەپ كەلگەن ئىككى ئامېرىكىلىق داڭلىق ئادوۋكات بىرايىن ۋە دانيال بىلەن كۆچمەنلىك ئ‍شلىرى، سياسى پاناھلىق ئىلتىماسى جەريانى ۋە تەرتىپلىرى، ئىلتىماس قوبۇل قىلىنىشنىڭ كۈچلۈك ئاساسلىرى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئىلىپ بىرىلغان.

ئىگىلىشمىزچە، كۆپچىلىك ئاكتىپ پىكىر ئالماشتۇرغان. لاگىر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇنلار مۇھىم سۇئاللارنى سورىغان ۋە ئادوۋكاتلار تەپسلى جاۋاپ بەرگەن.

سۆھبەتكە قاتناشقان بىر ئۇيغۇر مۇنداق دىدى: « دانىيال بىلەن بىرايىن كۆپ يىللاردىن بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلىك دىلولىرىنى ئ‍شلەپ، ئ‍شەنچ ۋە ھۈرمەت قازانغان، گەرچە ئانچە-مۇنچە ئۇششاق مەسللەر ساقلانسمۇ، ئەمما ئ‍ۇلار ئ‍ۇيغۇرلارنى ياخشى چۈشىنىدۇ، ھسداشلىق قىلىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دىلولىرى ناھايتى كۆپ، مەن ۋە ئايالىم ئىلگىرى كىين بولۇپ، مۇشۇلارنى تەكلىپ قىلغان، بىز ھازىر ئامېرىكا پۇقراسى.ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسنىڭ بۇلارنى تەكلىپ قىلىشى -جامائەت ئۈچۈن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش سەھنىسى ھازىرلىغانلىقى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.