نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاي يېڭى تاشقى ئ‍شلار باياناتچىسى تەيىنلىدى

يېقىندا ختاي تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى لىن جىيىەننى 34-نۆۋەتلىك تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتچىسى قىلىپ تەيىنلىدى.

لىن جىيەن، مىللىتى ختاي، ئەر، 46 ياش، باياناتچى ۋەزىپىسگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى ئاخبارات بۆلۈم باشلىقى بولغان، ياۋروپا ئشلىرى مەسئۇلى ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن، پولشا ۋە دانىيەدە دىپلومات بولغان.

ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتچىسى ختايدا ئەڭ چوڭ ئىززەتلىنىدىغان ۋەزىپە بولۇپ، ختاينىڭ دۇنياغا يالغان ئۇچۇر تارقىتىدىغان مەخسۇس ئورگىنى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ تەكشۈرىشچە، ختاي تاشقى ئ‍شلار باياناتچىسى نورمال قائىدىلەرگە خىلاپ ھالدا، بىۋاستە شى جىن پىڭ تەرىپىدىن تاللىنىدۇ.

ختاي ھۆكۈمىتى ختاي تاشقى ئ‍شلار منسترلىكى باياناتچىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى 50 دىن ئ‍ارتۇق خەلقئارالىق تەشۋىقات ماشىنىسى ئارقىلىق دۇنياغا تارقىتىپلا قالماي، بەلكى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قىلغان ھەيۋەتلىك ۋە قوپال ختاپلىرىنى كېسپ ۋىدىئو قىلىپ ئ‍شلەپ، دوۋيىن ۋە ۋىيبو ئارقىلىق ختاي خەلقىگە ختاينىڭ دۇنيادىكى ھەيۋسنى كۆرستىدىغان تەشۋىقات سۈپىتىدە قوللىنىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.