نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا مالىيە منستىرى ختاي زىيارىتى تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە، روسيەگە ياردەم بىرىشتىن ئاگاھلاندۇردى

ئارزۇگۇل، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ئاپرىل

ئامېرىكا مالىيە منستىرى جانېت يەللىن 4 كۈنلۈك ختايغا زىيارەت ئىلىپ بارغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ختاي ئوتتۇرسىدىكى سودا ساھەسدىكى ئېختىلاپلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بارغان. بۇلار ئىچىدە، ئامېرىكا شركەتلىرىنىڭ ختاي شركەتلىرى تەرىپىدىن دۇچ كەلگەن باراۋەر بولمىغان رىقابەت نەتىجىسدە كىلىپ چىققان ئ‍ېقتسادى زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ختاي ھۆكۈمىتى ختاي شركەتلىرىنىڭ دۇنيا بويلاپ رىقابەتچىلىرىگە قارشى سودا ۋە تېجارەتتە پۈتۈنلەي ئۇتۇپ چىقىشى ئۈچۈن، تولۇقلىما بىرىدۇ، بۇ تولۇقلىمىغا ئېرىشكەن ختاي شركەتلىرى ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرىنى ھەدىدىدىن زىيادە كۆپ ئ‍شلەپ دۇنيا بازىرىغا ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ ساتىدۇ، نەتىجىدە ئادەم كۈچى قىممەت بولغان دۆلەتلەردىكى رىقابەتچىلەرگە باھا رىقابىتىگە بەرداشلىق بىرەلمەي، شركەتنى تاقايدۇ.

ئامېرىكا مالىيە منستىرى جانېت يەللىن ختايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا، روسيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشغا ئېقتسادى جەھەتتە ياردەم بەرگەن ختاي شركەتلىرى جازالىنىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

مالىيە منستىرىنىڭ ختاي زىيارىتى داۋامىدا، ختاي بىلەن ئادىل، ئ‍وچۇق ئېقتسادى مۇناسۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا بولغان ئارزۇسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ كەڭ قارشى ئىنكاسلارغا سەۋەب بولماقتا. جانېت يەللىن مۇنداق دىگەن: «ئامېرىكا ختاي بىلەن تەلتۆكۈس ئېقتسادى ئالاقىنى ئۈزمەيدۇ.»

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن تېۋىتتردا مۇنداق يازغان:

«مالىيە منستىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ختاينى ئىككى قىېتىم زىيارەت قىلىپ، ختاي بىلەن سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ختاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى نورمال ھالەتتە داۋام قىلىش-ختاينىڭ ئامېرىكا شركەتلىرى ۋە دۆلەت بېخەتەرلىكىگە كەلتۈرىۋاتقان تەھدىتلىرىگە بولغان سەل قاراش ۋە كۆزگە ئىلماسلىقتۇر.ختاي سادىر قىلىۋاتقان جىنايەت ئىرقى قىرغىنچىلىققا سول كۆز بىلەن قاراشتۇر.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.