نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئىران ئ‍سرائىلىيەگە رەسمى ھۇجۇم باشلىدى، ھىزبۇللا ئ‍سرائىلىيەگە جەنۇبتىن ھۇجۇم باشلىدى

ئىران ئارمىيسى بۈگۈن رويتىرىسقا مۇنداق دىدى: ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى باشلاندى.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئىلان قىلغان خەۋەردە، ئىران جۇمھۇريەت مۇھاپىزەتچى ئارمىيسى شەنبە كۈنى كەچتە ئ‍سرائ‍ىلىيەگە 100 دىن ئارتۇق دىرون (ئۇچقۇچسز ھۇجۇمچى ئايرۇپىلان) ئەۋەتكەن بولۇپ، بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئ‍سرائىلىيەگە يېتىپ بارىدىكەن، ئامېرىكا ۋە ئ‍سرائىلىيە بۇلارنى توسۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

بۇ ئىراننىڭ تۇنجى قېتىم ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ھەربى ھۇجۇمى بولۇپ، ئ‍سرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرىگە قارشى ئىلىپ بارغان ھۇجۇمىغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇم ھسابلىنىدۇ.

ئىران -ختاي ۋە روسيە باشچىلىقىدىكى دۇنياۋى رەزىل كۈچلەرنىڭ مەركىزىدە بولۇپ، شئەلەشتۈرۈش دۆلەت سياسىتى ئاساسىدا، ئوتتۇرا شەرقتە ئاجىز دۆلەتلەرنى ئ‍ېقتسادى ۋە ھەربى جەھەتتە قوللاش ۋە سۈنئىيلەرگە قارشى ئۇرۇش قوزغاش بىلەن ئوتتۇرا شەرقنى 20 يىلدىن قالايمىقان قىلىپ كەلمەكتە.

2022-يىلى ئىران ختاي بىلەن 500 مىليارد دوللارلىق غايەت زور سوممىلىق ھەربى، تېخنىكا، ئېقتسادى ھەمكارلىق ئورناتقان.

ختاي -خاماسنى دىپلوماتىيە ۋە ئېقتسادى جەھەتتە قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۇرگەن بولۇپ، ختاي ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇشتا، ئىرانغا مۇھتاج.ئ‍سرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئېتتپاقدىشى بولغاچقا، خىتاي ئ‍سرائىلىيەگە بولغان سياسىيتىنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ، دەسلەپتە پەلەستىننى ئارقىدىن رەسمى شەكىلدە خاماسنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۆتكەن ئايدا قاتاردا ئاشكارا ھالدا خاماس رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.ئ‍سرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.