نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تۈركىيە ئۆز ئاپتوموبىللىرىنى قوغداش ئۈچۈن ختاي ئاپتوموبىللىرىدىن 40% دىن ئارتۇق باج ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 9-ئ‍يۇن

تۈركىيە سودا منسترلىكى تۈركىيدە ئ‍شلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنى قوغداش ئۈچۈن ختايدىن كىلىدىغان ئاپتوموبىللاردىن 40% دىن ئارتۇق باج ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.

ختاي ئاپتوموبىللىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىغىر تاموژنا جازاسىغا ھەتتا چەكلەشكە دۇچ كەلمەكتە. ختاي ھۆكۈمىتى ختاي ئاپتوموبىللىرىنىڭ خەلقئارا بازارنى ئىگەللىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئېكسپورت تولۇقلىما بېجى بىرىدۇ، بۇ ختاي شركەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەرزان ماشنا ئ‍شلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىش پۇرستى بىرىدۇ.

تۈركىيە سودا منسترلىكى مۇنداق دىگەن: «دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەشنى توسۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن، ختايدىن كىلىدىغان ئادەتتىكى ۋە ئارىلاش ماتورلۇق يولۇچىلار ماشىنىلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدۇ.»

گەرچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ختاي ئاپتوموبىللىرىنى بىراقلا چەكلىمىگەن بولسمۇ، ھەر بىر ختاي ئاپتوموبىلىدىغا 7000$ دوللار ئەتراپىدا باھا قوشىدۇ، بۇنداق يۇقىرى باھالىق ختاي ئاپتوموبىللىرىنىڭ بازىرى ئەلۋەتتە تۈركىيەدە قىينلىشىدۇ.

تۈركىيە مالىيەسدە 42 مىليارد دوللارلىق پاسسپ بالانس بار بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى زور مىقداردا ئ‍شلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت ئارقىلىق تۆۋەنلىتىشنى ئاساسى سياسەت قىلىپ كەلمەكتە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.