نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۇكرائىنا ۋەزىيتى: روسيە: ئۇكرائىنانىڭ بېسۋالغان زېمىنلىرىنى قايتۇرماسلىق شەرتى ئاستىدا ئۇرۇش توختاتساق بولىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 26-ئ‍يۇن

6-ئاينىڭ 17-كۈنى رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە پىرەزدىنتى پۇتىن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار لايىھەنىڭ باشقا مۇۋاپىق سەپلىمە لايىھەسى يوق.

6-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا ھەر ۋاقىت سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ، لېكىن سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ دونېتسكى، لۇگانىسكى، خېرسون ۋە زاپوروژېدىن ئىبارەت تۆت رايوندىن ئومۇميۈزلۈك ئەسكەر چېكىندۈرۈشى كېرەك. ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، رۇسىيە تەرەپ دەرھال ئۇرۇشنى توختىتىدۇ، ئارقىدىن ئىككى تەرەپ سۆھبەتنى باشلايدۇ، بۇ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرمەسلىكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇتىن يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا مۇستەقىل قارار چىقىرىشى كېرەك.

ئۇكرائىنا بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، نۆۋەتتە ئۇرۇش خاركىۋ رايونى ۋە قېرىم ئارىلى ئەتراپىدا كەسكىن داۋاملاشماقتا،ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ئ‍ۆز قوراللىرىنى روسيەنىڭ تېرىتورىيەسگە قارىتا ئ‍شلتىشكە يول قويغاندىن كىين، ئۇكرائىنا روسيەنىڭ ھەربى بازىلىرى ۋە ئىلىكتىر ئ‍ستانسلىرىغا، ماي ئ‍سكىلاتلىرىغا كۆپلەپ ھۇجۇم قىلغان، روسيە تەرەپتىن ئۆلۈم-يېتىم كۆپەيگەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.