نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى روھى

Uyghur-Aginitliqi

بىر قەدىمى، بىر مەدەنىي، بىر ئ‍نسانى خەلق يوقىتىلىۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئاۋازى بوغۇلغان.

دۇنيا بىزنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدۇ،
دۇنيا بىزنى ھەمىشە ئۇنتۇپ قالغاندا،

ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ئۆزىدىن ئاسان چېچىلىدۇ،
ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى ئۆزىدىن چېچىلغاندا،

نۇرغۇن كىشلەر ئۆز غېمىدە، نان ۋە ئويۇن كويىدا يۈرىدۇ،
شۇلار ئۆز غېمىدە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇنۇتقاندا،

نۇرغۇن كىشلەر باشقىلارغا زەربە بېرىشكە، غەيۋەتكە خۇشتار،
بەزىلەر رەسىملەرنى، بەزىلەر يېغىنلارنى چوڭ ئ‍ش دەپ قارايدۇ.
بەزىلەر ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەشنى يېڭىلىق دەپ قارايدۇ.
بەزىلەر ئالقىش، مەدھىيە، كۈچ توپلاشنى خىزمەت دەپ قارايدۇ.

دۇنيا ئۇنۇتسۇن، بىز ئۇنتۇمايمىز،
دىققىتىنى چاچىدىغانلار چاچسۇن، بىز چاچمايمىز.
ئوينايدىغانلار ئوينىسۇن، بىز ساقلايمىز.
جىدىلىمىز يوق..خۇددى لاگىردىكىلەرگە ئوخشاش.

قۇرلار، ھېكايىلەر، ئاۋازلار، سمالار، ئازابلار، ئۈمىدلەر، كۈرەشلەر..
يېڭى ئەۋلادلار-بىزنىڭ خىزمىتىمىز…
بىز ئۇنتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشنى داۋام قىلىمىز.


بىز -بىز يوقاتقانلارنى ئەسلەيمىز.
بىز ئۇيغۇرلار ئ‍ۈچۈن سۆزلەشنى داۋام قىلىمىز…
بىز يېڭى پارلاق ئەتە ئۈچۈن توۋلايمىز.

بەزىدە كۈچسز، بەزىدە ياڭراق،

 بەزىدە خور،  بەزىدە يەك

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.