پارتلاتقۇچ خەۋەر: ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاچ قويۇش سىياسىتىگە قارشى ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى باشلىدى
ئۇيغۇر مۇخبىر
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 19-سېنتەبىر
19-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت، گۈلزىرە ئاۋۇلقان ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئابلىكىم ئىلتەبىر، دادىسى لاگېرغا سولانغان دىليار سەيفۇللا قاتارلىق كىشىلەر پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئاق ساراي ئالدىدىكى لافايەت باغچىسى تەرەپتە، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاننىڭ غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاچ قويۇش ۋە باشقا قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارشى ئاچلىق ئېلان قىلىش نامايىشى ئىلىپ باشلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار خانىمىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر نامايىش ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ئىلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا پەقەت سۇ ئىچىدىكەن،تاماق يېمەيدىكەن، كېچە-كۈندۈز ئاق ساراي ئالدىدا تۇرىدىكەن.نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ تەلىپى بولسا تاكى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا چېقىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قارار لايىھىسى سۇنۇشقا ۋەدە بەرگەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىدىكەن.
More Stories
ئامېرىكا-ختاي سودا ئۇرۇشدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ۋەكىلى كىم ؟
ئۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگەككە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار دۆلەت مەجلىسدە ختاينىڭ«دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئئىنكاسى»تېمىسىدا گۇۋاھلىق بەردى