نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنىتلىقى: خاماس لىدىرى خانىيا ختاي دىپلوماتى ۋاڭ كېجىيەن سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا سى ئەن ئەن ئاگېنىتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، خاماسنىڭ لىدىرى ئ‍سمايىل خانىيا بىلەن ختاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئ‍شلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى ۋاڭ كېجىيەن قاتارنىڭ دوھا شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇرغان.ختاي ھۆكۈمىتى تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى بايانات ئىلان قىلىپ، مەزكۇر كۆرۈشۈشنى جەزىملەشتۈرگەن.

تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنىتلىقىنىڭ بىلدۈرىشچە، بۇ ئاشكارە ئىلان قىلىنغان تۇنجى كۆرۈشۈش ئىكەن.

كۆرۈشۈشتە خانىيا گازادىكى قەتلىئامنى توختىتىش، ئ‍سرائىلىيەنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش، پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش توغرىسدا پىكرىنى بىلدۈرگەن.

خانىيا يەنە ختاينىڭ ب د ت بېخەتەرلىك كېڭىشىدە ئوينىغان رولى ئۈچۈن رەھمەت بىلدۈرگەن.

سى ئەن ئەن ۋە ئامېرىكا ئ‍اۋازى ئىلان قىلغان تەپسلى خەۋەردە، خاماس ئورگان باياناتى ئىلان قىلىپ، ئۆتكەن ئايدا ختاينىڭ قاتاردىكى باش ئەلچىسى ساۋ شياۋلىن بىلەن خاماس لىدىرىنىڭ ئ‍ۇچراشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.سى ئەن ئەن نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ختاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدىكى بۇ .ئۇچرىششنى ئىلان قىلمىغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.