نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا ئ‍ستىخباراتى: تىك توك ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلاشماقتا

تىك-توكنى چەكلەش

دۆلەت مەجلىسى: تىك توكنى چەكلەيمىز. تىرامپ: تىك توكنى چەكلەش خاتا

ئەركىنجان، 12-مارت، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئامېرىكا ھۆكۈمەت قاتلىمىدا، تىك-توكنى ئەيىپلەش ۋە چەكلەش قىزغىنلىقى تىرامپ دەۋرىگە سوزۇلىدۇ. ئەمما تېخىچە چەكلەپ بولالىغىنى يوق. تىك توكنىڭ پۇقرالار ئارسىدىكى ئ‍شلىتىشچانلىقى يۇقىرى.ئامېرىكىدا 170 مىلىيوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىقلار تىك-توكنى ئاكتىپ ئ‍شلىتىدۇ. مىلىيونلىغان ئامېرىكىلىقلار ئاساسلىق ئېقتسادى كېرىم يارىتىش ياكى ئۆز تېجارىتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تىك-توكقا تايىنىدۇ.ختاي بولسا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىغا زىيانلىق پىروپاگاندالارنى كۆپلەپ بازارغا سالماقتا.

11-مارت ئىلان قىلىنغان دۆلەت تەھدىتى دوكلاتىدا، ئامېرىكىدىكى 18 ئ‍ستخبارات تەشكىلاتىنىڭ باش ئىدارسى بولغان ئامېرىكا دۆلەتلىك ئ‍ستىخبارات دېرىكتور ئ‍شخانىسى ( The Office of the Director of National Intelligence)مۇنداق دىدى: ختاي شركىتى بايت دەنس (Bytedance )كونتىرۇللۇقىدىكى تىك تىك شركىتى ئامېرىكا سايلىمىغا تەسر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئالگورىزىمدىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات ئىلىپ بىرىۋاتقانلىقىنى باھالاپ چىققان. بۇ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە تىك-توكنى چەكلەش ياكى ستىېشقا مەجبۇرلاش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسنىڭ ئاۋازغا سۇنۇلۇشتىن بۇرۇنقى دوكلات دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر قانۇننى قوللىشغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئېنرگىيە ۋە سودا كومېتىتى تىك توكنى ئ‍امېرىكىدا چەكلەش قارار لايىھەسنى بىردەك ماقۇللىغاندىن كېين، تىرامپ سى ئەن بى سىغا مۇنداق دىگەن:تىك توكنى چەكلەش-خەلقنىڭ دۈشمىنى بولغان فايىس بۇك شركىتنى كۈچلەندۈرىدۇ.تىك توك بولمىسا بالىلار ساراڭغا ئايلىنىدۇ.»

بىر قسم جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىسى تىرامپنىڭ ختايغا تۇتقان يۇمشاق قول سياستىنى تەنقىد قىلماقتا.

بايدىن ئۆتكەن ئايدا تىك توكتىن ھساب ئ‍اچقان بولۇپ، قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. ئەمما ئۇ مۇنداق دىدى: «ئەگەر دۆلەت مەجلىسى تىك توكنى چەكلەش قانۇنىنى ماقۇللىسا، مەن دەرھال ئىمزا قويىمەن.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.