نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 2023-يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى نۇتۇقىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بىر ئېغىزمۇ تىلغا ئالمىدى

بايدىن-ئامېرىكا

بايدىن-ئامېرىكا

ئۇيغۇر ئ‍اگېنىتلىقى، 8-مارت

ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 7-مارت ئاخشام ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسدە يىلدا بىر قېتىم سۆزلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى نۇتۇقىدا، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى.ئۇ ئامېرىكا ئىچكى سياسەتلىرى، جۈملىدىن ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقى، دۆلەت ئىچىدە قورال كونتىرۇل قىلىش، كۆچمەنلەر ھوقۇقى، ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى تىرامپنىڭ دىموكراتىيەگە دۈشمەن ئ‍ىكەنلىكى، ئېقتسادى تەرەققىيات ۋە ئ‍شقا ئورۇنلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى ھەققىدە سۆزلىدى.

تاشقى سياسەتتە، ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقى، روسيەنى چەكلەش، ناتونىڭ كۈچېيشى، پەلەستىن -ئ‍سرائىلىيە مەسلىسى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلۈم-يېتىمنى ئازايتىشتا ئ‍سرائ‍ىلىيەنىڭ مەسئۇلىيتى بارلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ پەلەستىنگە بىرىۋاتقان ياردەملىرى، ختاي بىلەن ستىراتىگيەلىك رىقابەتلىشىدىغانلىقى قاتارلىق تېمىلاردا كەڭرى توختالدى.ئەمما ئۇيغۇر مەسلىسنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىدى.

مەزكۇر نۇتۇق -دۆلەت ئەھۋالى نۇتۇقى ( The State of The Union) بولۇپ، ئامېرىكا قۇرۇلغاندا، ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىدا، پىرەزدىنت ھەر يىلى ئاۋام پالاتاسى رەئ‍سنىڭ تەكلىۋى بىلەن خىزمەت دوكلات بىرىدۇ.ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مەسللىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

https://www.facebook.com/UyghurTimesUyghur/posts/pfbid09BWWHFyoi2zJ3qfnhh15BgQcZC396PgJTFJvindLQ6yZ82aJKiKAMvgCBW5Du9BCl

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.