نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا 2024-يىللىق پىرەزدىنتلىق سايلىمى نۆۋەتتىكى ئەھۋالى

3-ئاينىڭ 6-كۈنى

جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دىموكراتچىلار پارتىيسنىڭ 2024-يىللىق پىرەزدىنتلىق سايلىمىغا نامزات كۆرستىش دەسلەپكى سايلىمى (Primary) 5-مارت سەيشەنبە -دەرىجىدىن تاشقىرى سەيشەنبە ( Super Tuesday)كۈنى بىر نەچچە شتاتتا بىرلا ۋاقتتا ئىلىپ بىرىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى:

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى ئىچىدە دونالد تىرامپ پارتىيە نامزاتلىقى دەسلەپكى سايلىمىدا ئۇتۇپ، نامزاتلىققا كۆرستىش سالاھىيتىگە ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى، ئامېرىكىنىڭ سابىق ب د ت باش ئەلچىسى نېككى ھايلى تىرامپقا يېڭىلگەنلىكىگە تەن بىرىپ، بۈگۈن سايلامدىن چېكىنگەنلىكىنى ئ‍ىلان قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسنىڭ نامزاتلىقىغا رەسمى كۆرستىلىش ۋاقتى:

2024-يىلى 15-ئ‍يۇلدىن 18-ئېيۇلغىچە ۋسكانسىن شتاتى مېلاۋىكى شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى دۆلەتلىك كومېتىتى (Rupublican National Comittee) تەرىپىدىن ئ‍ۇيۇشتۇرۇلغان پارتىيە يېغىنىدا ئىلان قىلىنىدۇ.

دىموكراتلار پارتىيسى:

دىموكراتلار پارتىيسىنىڭ ئاساسلىق نامزاتى، ھازىرقى پىرەزدىنت جوۋ بايدىن بولۇپ، ئۇ دەسلەپكى سايلامدا تولۇق ئۇتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى رىقابەتچىسى بىرمۇ شتاتتا جوۋ بايدىننى يېڭەلمىگەن.

دىموكراتلار پارتىيسىنىڭ دۆلەتلىك كومېتىتى ( Democratic National Committe )19-ئاۋغۇستتىن 22-ئاۋغۇستقىچە ئىللىنويىس شتاتى چېكاگو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ھازىرقى پارتىيە ئىچكى سايلىمىدا ئ‍ۇتقان جوۋ بايدىننىڭ پىرەزدىنتلىق نامزاتى ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.