نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار دۆلەت مەجلىسدە ختاينىڭ«دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئ‍ئىنكاسى»تېمىسىدا گۇۋاھلىق بەردى

ئەلفىدار گۇۋاھلىق

مەرھابا، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
18-فېۋرال

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇقى كومېسيەسى ئۇيۇشتۇرغان «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى»ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يېغىنىدا ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى دىكتاتۇرا دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقان ئېزىلگۈچى مىللەت ۋە باستۇرىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرى گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.
مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يېغىنغا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئابلىكىم ئىلتەبىر خانىم ختاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ( Transnational Repression)جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.
ئەلفىدار گۇۋاھلىق سۆزىدە، ختاينىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزمەيلا بارمايلا قالماي، بەلكى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە ئاممىغا تەھدىت سىلىشى، قورقۇتۇش، تۆھمەت قىلىش، ئائىلىسىنى تۇتقۇن قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قىستاش.. قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، ئ‍ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن خىزمەت تۈرلىرى، كۆچمەنلىك مەسلىسى، ختاينى ھەقىقى مەنىدە چەكلەش، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ختايغا ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان تېخنىكىلارنى سېتىشنى قەتئىي چەكلەش، مەجبۇرى ئەمگەك قاتارلىق تۈرلەرنى تەكىتلىگەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.