نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

مىكروسوفىت شركىتى ئامېرىكا ۋە ختايدىكى ئ‍شلەتكۈچىلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوخشمايدىغان ئۇچۇر تەمىنلىگەن

مىكروسوفىت شركىتى ختاي تەشۋىقاتى

مىكروسوفىت شركىتى ختاي تەشۋىقاتى

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-فېۋرال

نيۇيورك پوچتىسى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېخنىكا شركىتى مىكروسوفىت ئىزدەش قورالى بولغان بىڭ ( Bing)نىڭ ئ‍امېرىكا ۋە ختايدىكى ئ‍شلەتكۈچىلىرىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوخشمىغان ئىزدەش نەتىجىسى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكىدىكى ئ‍شلەتكۈچىلىرىگە ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش-قىرغىنچىلىق سياسەتلىرى ھەققىدىكى مەزمۇن، سۈرەتلەرنى كۆرسەتكەن بولسا، ختايدىكى ئ‍شلەتكۈچىلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ خوشال، كۈلگەن، ئوينىغان سۈرەتلىرىنى كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھېمايىچىلىق بۆلۈم دېرىكتورى لوئىسا بۇ ھەقتە نيۇيورك پوچتىسى گېزىتىگە مۇنداق دىگەن: ختاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خوشال تەسۋىرلەش ۋە ئ‍نسان ھەقلىرى ھەققىدىكى نارازىلىق ۋە پاكىتلارنى ئىنكار قىلىش-بېجىڭنىڭ سستىملىق ھەرىكىتىدۇر…. ختاي كومپارتىيسنىڭ ئۆز جىنايەتلىرى ئۈچۈن ھىچقانداق ئاقىۋەت ۋە جازا تارتماسلىقى ئۈچۈن قوللانغان تاكتىكىسى يوشۇرۇش، ئىنكار قىلىش، ئۆزىنىڭ «قايتا تەربىيلەش» دىگەندەك زوراۋانلىقىنى ھەقلىق كۆرستىشتۇر، مىكروسوفىت بۇنىڭ ئ‍ۈچۈن ياردەم قىلىۋاتىدۇ.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.