نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

زۇمرەتئاي ئەركىن ئامېرىكا سابىق پىرەزدىنتى فىرانكلىن روزىلۋىىت فوندىنىڭ 2024-يىللىق «ئېتىقاد ئەركىنلىكى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

زۇمرەتئاي ئەركىن

تەييارلىغۇچى: تۇرسۇنئاي، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

1941-يىلى سابىق ئامېرىكا پىرەزدىنتى فرانكلىن روزىۋىلىت تەسس قىلغان تۆت ئەركىنلىك مۇكاپاتى ئۇنىڭ نامىدا قۇرۇلغان «روزىلۋىت فوندى» ئارقىلىق ھەر يىلى دۇنيا بويلاپ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە كۆرەش قىلغان تۆھپىكارلارغا تۆت ساھە بويىچە «سۆز ئەركىنلىكى»، «ئېتىقات ئەركىنلىكى»، «مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇش» ۋە «تەھدىتتىن قۇتۇلۇش»مۇكاپاتلىرىنى تارقېتىدۇ.

بۇ يىلى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ «ئېتىقاد ئەركىنلىكى»مۇكاپاتى تۈرى -دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى خەلقئارا ھېمايىچىلىق پىروگراممىسى دىرىكتورى ، ئۇيغۇر قىزى زۇمرەتئاي ئەركىنگە بىرىلگەن.

مەزكۇر فوندى ئىلان قىلغان ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، زۇمرەتئاي ئەركىن 11-ئاپرىلدا باشقا ئۈچ كىشى بىلەن بىللە مۇكاپات قوبۇل قىلىدىكەن.

مەزكۇر ئورگان مۇكاپات بىرىش سەۋەبىدە، زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيدىكى خىزمەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ۋە ئىنسانى ھوقۇقى ، مەدەنىيتىنى قوغداش جەھەتتە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەقدىرلىگەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.