نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئاددى ئويلىنىش: ئۇيغۇرلاردا بەدەلسز بۈيۈك ئارزۇ

بەدەلسز بۈيۈك ئارزۇلار

ئۇيغۇرىئان

سۆزلەۋاتقان، ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھەممىمىزدە ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق چوڭ، بۈيۈك ۋە كاتتا ئارزۇ ۋە غايىلەر بار.

مەسلەن: بىز ھازىر ھەممىنىڭ نەزىرىدە ئەڭ كۈچلۈك ھسابلانغان، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئەڭ رەزىل بولغان ختاي كومپارتىيسى ھاكېمىيتىنى مەغلۇب قىلىپ ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئارزۇ قىلىمىز.

بىز ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىمىزغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم -ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى توختاتماقچى، ئازايتماقچى، ئاستىلاتماقچى بولىمىز.ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنى قۇتقۇزۇپ جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز.

بەزىلىرىمىزنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ئاڭلىق، كۈچلۈك، ئىلغار، ئەركىن ھاياتقا ئېرشتۈرگۈسى بار.

بەزىلىرىمىزنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائەتكە، ھەتتا ھەممە تەشكىلاتلارغا رەھبەر ۋە داھى بولغۇسى بار.

بەزىلىرىمىزنىڭ كاتتا باي، مىلىيونىر بولغۇمىز، ئېسل داچىلاردا ئولتۇرغۇمىز، دۇنيانى ساياھەت قىلغۇمىز بار.

بەزىلىرىمىزنىڭ ئېتىراپ قىلىنغان ئىلمى خادىم ياكى ئاكادىمىك بولغۇمىز بار.

بەزىلىرىمىزنىڭ ھەممە ئۇيغۇرنى تەقۋادار ياكى دىنى ئالىم قىلغۇسى بار.

بۇ ئارزۇلارنىڭ ھەممىسى شۇلار ئۈچۈن توغرا.

ئەمما ھەممىسى ئۆز يولىدا، ئوخشمىغان دەرىجىدە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ.

مەن ھەمىشە،مۇھاجىرەتتە ئارزۇلار ھەققىدە سۆزلىگۈچىلەرنى ، ئارزۇلارنى باشقىلارغا مەجبۇرلىغۇچىلارنى، ئارزۇ سەۋەبلىك باھا بەرگۈچى-جىدەللەشكۈچىنى كۆرىمەن،ئەمما شۇ ئارزۇ ئۈچۈن بەدەل تۆلىگۈچىنى ئاز كۆرىمەن.

بۇ ئارزۇلارنىڭ بەزسى مىللى ۋە كوللىكتىپ ئارزۇ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىرشش ئۈچۈن بۇ ئارزۇلار بارلىق كوللىكتىپنىڭ ئورتاق ئارزۇسغا ئايلىنىشى، كوللىكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم.

بۇ ئارزۇلارنىڭ بەزىلىرى شەخسى ئارزۇ بولۇپ، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان يەردە تىرىشپ ئ‍شلەشكە توغرا كىلىدۇ. ياخشى ياشاش ئۈچۈن، تىرىشپ ئ‍ىشلەپ پۇل تېپىش لازىم.

بۇ يازمىنىڭ مەقسدى بىر نەچچە سۇئالغا مەركەزلىشدۇ:

1- بىز توۋلاۋاتقان شۇئار-ئ‍ارزۇلىرىمىزغا يېتىش ئۈچۈن لايىقىدا بەدەل تۆلىدۇقمۇ؟

2-يالغۇزدا، پىنھاندا ئارزۇ قىلىدىغان شەخسى غايەلىرىمىز ئۈچۈن بەدەل تۆلىدۇقمۇ؟

3-بىز ئۆزىمىز بۇ ئارزۇلارغا يېتىش ئۈچۈن كىرەكلىك بەدەلنى، نىمە قىلىشمىز كىرەكلىكىنى چۈشنەمدۇق؟

4- بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىز ئۆزىمىز بەدەل تۆلەشنى خالىمايدىغان،بەلكى باشقىلاردىن بىزگە قولىمىزغا تۇتقۇزۇپ قويۇشنى كۈتىدىغان ئارزۇمۇ؟

5-ياكى بىزنىڭ ئارۇزلىرىمىزنى بىز ئۇنىڭغا ئىرىشش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۆزىمىزنى خوشال قىلىش ئۈچۈن، روھى جەھەتتە كۈچلۈك تۇرغۇزۇش ئۈچۈن توۋلاۋاتامدۇق؟

6-ھەربىر ئارزۇ ئۈچۈن لازىملىق بەدەلنى چۈشەنمەي، ياكى بەدەل تۆلىمەي،ئاخىرىدا بىز نىمىگە ئېرىشمەكچى؟

12-يانۋار،سىلۋىر سىپرىڭ

سوسيال مېدىيادىكى ئادېرسى:

https://www.facebook.com/tahiruyghurian/posts/pfbid02J3rddCYgmesbKQ1tdLpi3yF6KbUvisj2wHhitUBGz6hg3eWquHeZ3BGC1j8aPvVBl

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.