نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە سايلام ئارقىلىق يېڭى رەھبەرلىك كوللىكتىۋى بارلىققا كەلدى

ياۋروپا شەرقى تۈركستان مائارىپ جەمئىيتى

مەنبەسى: ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى سوسيال مېدىيا ھساۋاتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 2009 ـ يىلى گوللاندىيەدە رەسمى ئەنگە ئېلىنىپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھەر ئۈچ يىلدا بىر سايلام ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، 2024-يىلى 1- ئاينىڭ 1 – كۈنى 6- قېتىملىق سايلام ئېلىپ باردى. سايلام ئىچكى سايلام بولۇپ، سايلامغا ئىدارە ۋە ئىستىشارە ھەيئەتتىكى بارلىق ئەزالار تولۇق قاتناشتى. سايلامدا جەمئىيەت رەھبەرلىرى ۋە بۆلۈم مەسئۇللىرى سايلاپ چىقىلدى. سايلام مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئاياغلاشتى. 7 – يانۋار يېڭى سايلانغان مەسئۇللارنىڭ رەسمىي ھالدا ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋېلىش ۋە يېڭى يىللىق پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىدە يېغىن ئۆتكۈزۈلدى.

سايلامدا ۋەزىپىگە سايلانغانلار:

جەمئىيەت رەئىسى: ئوبۇلقاسىم ئابلىز

مۇئاۋىن رەئىس: ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ، ئابدۇلۋاھاپ ئابدۇلباقى

جەمئىيەت كاتىبى: ئەلىشىر ئەزىز

مەركەز مەسئۇلى: مەخمۇتجان تۇرسۇن

دەۋەت بۆلۈم مەسئۇلى: ئەيسا ساۋۇت

تەلىم-تەربىيە بۆلۈم مەسئۇلى: يۈسۈپجان ئەھەد

ياشلار بۆلۈم مەسئۇلى: مۇھەممەد ئۆمەر رەجەپ

مالىيە كىرىم مەسئۇلى : ئابدۇللاھ ئابدۇراھمان

مالىيە ساندۇق مەسئۇلى: ئەھمەدجان ئەزىز

مالىيە چىقىم مەسئۇلى: مۇھەممەد ئۆمەر رەجەپ

تەپتىش بۆلۈم مەسئۇلى: ئۆتكۈر يۇنۇس

تەشۋىقات بۆلۈم مەسئۇلى: مۇھەممەد ئەلى مۇھەممەد سىددىق

جىنازە ئىشلىرى مەسئۇلى : ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ

More Stories

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.