نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

2023-يىلىدا دۇنيادا يۈزبەرگەن 15 چوڭ ۋەقە

2023-يىلى

2023-يىلى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، دۇنيا، ختاي ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەرنى باھالاپ چىقىدۇ.باھالاش ئۆلچىمى ئايرىم ئىلان قىلىندى.

2023-يىللىق خەلقئارادىكى 15 خەۋەر تۆۋەندىكىچە:

1-يانۋاردا بىرازىلىيەنىڭ رادىكال سولچى پېرەزدىنتى لۇلا دا سلۋا تەختكە چىقىپ، لاتىن ئامېرىكىسى قېتئەسنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ۋە ختايغا يېقىنلىشش قەدىمىنى كۈچەيتتى.

2-فېۋرال ئىيدا تۈركىيە ۋە سۈرىيەدە 7-8 بال يەر تەۋرەپ، تۈركىيەدە  45 مىڭدىن ئارتۇق، سۈرىيەدە 7 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ى قازا قىلدى.

3-ختاينىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىككى چوڭ دۈشمەن كۈچ-سەئۇدى ئەرەبستان بىلەن ئىران يارىشپ دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورناتتى، ختاينىڭ ئ‍وتتۇرا شەرقتىكى تەسر كۈچى زورايدى.

4-ھىندستاننىڭ نوپۇسى 1 مىلىيارد 429 مىلىيونغا يېتىپ، ختاينىڭ 1 مىلىيارد 426 مىلىيون نوپۇسدىن ئاشتى ۋە دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالدى.

5-فىرانسيەدە پىرەزدىنت ماكروننىڭ  پېينسىيە يېشىنى 62دىن 64 كە كۆتۈرۈش ئ‍سلاھاتى نەچچە ئايلىق نامايىشقا سەۋەب بولغان بولسمۇ،نەتىجىدە يەنىلا ماقۇللاندى.

6-چارلېز 3 بۈيۈك بېرىتانىيە تەختىگە ئولتۇرۇپ، 2022-يىلى ئ‍ۆلۈپ كەتكەن ئايال پادىشاھ ئېلزابىتنىڭ تەختىگە چىقىپ پادىشاھ بولدى.

7-تۈركىيە پېرەزدىنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قايتا پېرەزدىنتىلىققا سايلىنىپ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن باشلىق بولغان پىرەزدىنتى بولۇش قەدىمىنى باشلىدى.

8-ئۇكرائىنا روسيەگە قارشى قايتۇرما ھۇجۇمىنى  باشلىدى، چوڭ ئۈنۈم قازىنالمىسمۇ ئەمما روسيەگە قاخشاتقۇچ زەربە بىرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى توستى.

9-روسيەنىڭ ۋاگېنىر ئارمىيسى لىدىر پىرىگوۋژىن ئ‍سيان كۆتۈرۈپ،موسكۋاغا يۈرۈش قىلىدى، بىلاروسيەنىڭ كىلىشتۈرۈشى بىلەن ئارقىغا چېكىندى.كىين پۇتىن تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى.

10-ئافرىقانىڭ نىگىر ۋە گابون دۆلەتلىرىدە روسپەرەس  ئارمىيە ئ‍سيان قوزغاپ ھاكېمىيەتنى قولىغا ئالدى.

11-سابىق پىرەزدىنت دونالد تىرامپ ئوخشمىغان شتات تەرىپىدىن 91 جنايەت بىلەن ئەيىپلەندى. 

12-خاماس ئ‍سرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلدى، ئ‍سرائىلىيە گازازغا قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن بېسپ كىردى.مېڭلىغان بېگۇناھ خەلق ئۇرۇش قۇربانى بولۇش داۋاملاشماقتا.

13-يەر شارىدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېز تەرەققىي قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەت تەرەققىيات بىلەن ئىدارە قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

14-«ئېل نىنو» ھادىسىسى پۈتۈن دۇنيادا ناچار ھاۋا رايى ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 2023-يىلى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى «ئەڭ ئىسسىق بىر يىل» بولدى.

15-ختاينىڭ تەسر كۈچى زوريىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى ئەزا كۆپەيتتى، ئافرىقا ئىتتىپاقى تەكلىپكە بىنائەن 20 دۆلەت گۇرۇھىغا قاتناشتى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.