نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

شېۋىتسيە ئۇيغۇر بىرلىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى كۈنى مۇناسۋىتى بىلەن نامايىش ئورۇنلاشتۇردى

ئۇيغۇر قىرغىنچلىق كۈنى

9-دىكابىر، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

بۈگۈن 9ـ دىكابىر خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى رەسمى يۇسۇندا ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ لوندون ئۇيغۇر سوتى تەرپىدىن دۇنياغا ئىلان قىلىنغان خاتىرە كۈن. بۇ كۈن ۋە 10 ـ دىكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شېۋىتسيە ئۇيغۇر بىرلىكى شىۋېتسىيە پارلامىنتى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

نامايىشچىلار تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلدى:

«بىز بۈگۈن بۇ يەردە شىۋېتسىيە سىياسىيۇنلىرى ۋە خەلقىگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان جىنايىتىنى ئەسلىتش ئۈچۈن تۇرۋاتىمىز.

2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ، لوندون ئۇيغۇر سوتى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھۆكۈم قىلدى. بەزى دۆلەتلەر ۋە پارلامېنتلارمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلدى ، ئەمما شىۋېتسىيە يەنىلا سۈكۈت قىلماقتا.

12-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىز خەلقئارا جامائەت ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»

مەنبەسى: شېۋىتسيە ئۇيغۇر بىرلىكى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.