نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

قسقا خەۋەر: ختاينىڭ «شەيىن شركىتى»نىڭ ئامېرىكا پاي بازىرىغا چېقىش ئىلتىماسى مەجبۇرى ئەمگەك ئالاقىسى ھەققىدە سۇئال تۇغدۇرماقتا.

شەيىن

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 29-نويابىر

ئ‍امېرىكا ئاۋام پالاتاسى ختاي كومپارتىيسى بىلەن رىقابەتلىشش پەۋقۇلئاددە كومېتىتى باشلىقى مايىك گاللاگىر ختاينىڭ تور سودا شركىتى «شەيىن»نىڭ ئامېرىكىدا پاي بازىرىغا چېقىش ئىلتىماسى ھەققىدە بايانات ئىلان قىلىپ، مەزكۇر شركەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى بىلەن چېتشلىق »كىيىم-كىچەكلەر ھەققىدە يتەرلىك ئاشكارا ئەمەسلىكى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ شركەتنىڭ رەسمى پاي-بازىرىغا چېقىرشتىن بۇرۇن، تەكشۈرۈپ كۆرۈشى لازىملىقى ھەققىدە بايانات بەردى.

2022-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكا بىلومبىرگ مېدىيا شركىتى «شەيىن» شركىتىنىڭ ساتىدىغان كېيىم-كىچەكلىرى تەركىۋىدە، ئۇيغۇرستاندا ئ‍شلەپچىقىرىلغان پاختا ئ‍شلىتىلگەنلىكىنى ئ‍سپاتلىغان.

«ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن، ئۇيغۇرستاندا ئ‍شلەنگەن ھەر قانداق پاختا مەھسۇلاتى ۋە باشقا يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر شركەت بۇ يىل ئېيۇل ئېيىدا، ئۆزىنىڭ پاي بازىرىغا چېقىشتىن بۇرۇن «قانۇنغا ئاساسەن تەمىنلەش زەنجىرىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا تەلىۋى بويىچە بولىدىغانلىقىنى» ئىلان قىلغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.