نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى: شى جىن پىڭ 2027-يىلدىن بۇرۇن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىققا بۇيرۇغان.شى جىن پىڭ : مەن 2027-يىلى ياكى 2035-يىلى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغۇنۇم يوق.

شى جىن پىڭ

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،245-نويابىر

ب ب سى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىن پىڭ بايدىن بىلەن كۆرۈشكەندە،ئۆزىنىڭ ختاي ئازاتلىق ئارميسىنىڭ 2027-يىلى بولسۇن ياكى 2035-يىلى بولسۇن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى يوقلۇقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان.ئەمما ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى مۇنداق دىگەن: قولىمىزدا، شى جىن پىڭنىڭ ختاي ئازاتلىق ئارمىيسگە 2027-يىلىدىن بۇرۇن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىگە ئائىت يتەرلىك دەلىل-ئ‍سپات بار.نۆۋەتتە ئامېرىكا روسيە، ئىران ۋە ختايدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق دۈشمىنىنىڭ بىرلەشمە قورشاۋ ھۇجۇمىدا بولۇپ، روسيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلدى، ئىران خاماس، ھىزبۇللا، ۋە يەمەندىكى خوسىيلارنى قوراللاندۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ ئېتتپاقدىشى ئ‍سرائىلىيەگە ھۇجۇم قوزغىدى.ختاي روسيە ۋە ئىرانغا ئېقتسادى جەھەتتە ئەڭ كۆپ ياردەم قىلغان دۆلەت بولۇپ، ئەگەر تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا بىرلا ۋاقتتا 3 ئۇرۇش مەيدانىغا، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئۇرۇشقا سۆرۈلۈپ كىرىلىشى مۇمكىن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.