نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

ختاي جاللات، سابىق باش مىنستىر لى كېچىياڭ ئۆلدى

لې كېچىياڭ ئۆلدى

лªÉçÕÕÆ¬£¬±±¾©£¬2023Äê10ÔÂ27ÈÕ Àî¿Ëǿͬ־ÒÅÏñ лªÉç·¢

تۇرسۇنجان ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 27-ئۆكتەبىر

ختاي مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، سابىق باش منستىر لى كېچىياڭ شاڭخەيدە دەم ئىلىۋاتقاندا يۈرەك كېسلى قوزغىلىپ ، شۇ يەر ۋاقتى 27-ئۆكتەبىر كىچە سائەت 10 مىنۇت ئۆتكەندە 68 يېشدا ئۆلگەن.

لى كېچىياڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچلىقىنى پىلانلاش، نازارەت قىلىش ، ئىجرا قىلىشقا تەسر كۆرسەتكەن ئاساسلىق

ختاي رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋە مەركىزى كومېتىت ئەزاسى.

لى كېچىياڭ 2013-يىلدىن 2023-يىلى مارتقىچە شى جىن پىڭنىڭ قول ئاستىدا باش منستىر بولغان. ئەسلىدە دۆلەت رەئىسى بولۇشقا نامزات كۆرستىلگەن بولسمۇ، شى جىنپىڭنىڭ قوللىغۇچى گۇرۇھى تەرىپدىن مۇرەسسە قىلىنىپ، باش مىنستىر (ختايچە زوڭلى) بولۇشقا كىلىشكەن.

لى كېچياڭ ختاينىڭ داڭلىق بېجىڭ ئۇنېۋرستىتىدا ئوقۇغان بولۇپ ئېقتسادشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە، شى جاللاتقا قارىغاندا، بىلىملىك ۋە كىتاپخۇمار دەپ ھسابلانغان.

لى كېچىياڭ 2020-يىلى «ختايدا 600 مىلىيون پۇقرا ئېيىغا 140 دوللاردىن تۆۋەن كىرىم قىلىدۇ»دىگەن سۆزى بىلەن كومپارتىيە ئىچى ۋە دۇنيادا تەسر قوزغاپ، شى جاللاتنىڭ غەزىۋىنى قوزغىغان.ئۇ يەنە شى جاللاتنىڭ ۋېرۇس سەۋەبىدىن قامال قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېقتسادى چېكىنىشنى تەنقىد قىلغان.

لى كېچىياڭ يەنە شى جاللات بىلەن مۇناسۋىتى ئەڭ ناچار بولغان ختاي رەھبىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى گۇمان قوزغىماقتا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.