نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

پۇتىن زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ كەلدى

Representatives of Russia and China shake hands

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر

يۈسۈپجان

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسى ئوتتۇرا شەرققە مەركەزلەشكەن پەيتتە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمېر پۇتىن 17-ئۆكتەبىر دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن 18-ئۆكتەبىر خۇسۇسىي سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن بىرلىكتە «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سۆھبەت مۇنبىرىگە قاتنىشىدىكەن.

خىتاينىڭ ئورگان زۇۋانى بولغان «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر مۇنبەرگە خەلقئارادىكى 130دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋېنگىرىيە پرېزىدېنتى، چىلى پرېزىدېنتى، كېنىيە پرېزىدېنتى، ئېفىيوپىيە پرېزىدېنتى قاتارلىق ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ پرېزىدېنتلىرى شۇنداقلا يېقىندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىق «مېھمان»لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.