نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

مايك پومپىيو: ئامېرىكا ئ‍سرائ‍ىلىيەنى قوغدايدۇ.

مايىك پومپيو

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ئۆكتەبىر

ئامېرىكا سابىق تاشقى ئ‍شلار منىستىرى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغۇچى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مايىك پومپىيو خاماسنىڭ ئ‍سرائىلىيەگە قارشى ھۇجۇمى ھەققىدە بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى:

«ئ‍سرائىلىيە -پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىرور ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەن بۈگۈنكىدەك كۈندە، بىز شۇنى ناھايتى ئىنىق قىلىشمىز كىرەككى، ئامېرىكا ئ‍سرائىلىيە بىلەن بىر مەيداندا تۇرىدۇ.

ئۆزىنى قوغداۋاتقان ئ‍سرائىلىيە بىلەن پۇقرالارغا تىرورلۇق ھۇجۇمى قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنى تەڭ ئورۇنغا قويۇش-ئەخلاقسزلىقتۇر.

ئامېرىكا ئ‍سرائىلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ، ئائىلىمىزگە قوشۇلۇپ، ئ‍سرائىلىيە ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ!»

مايىك پومپىيو ۋە تىرامپ ئامېرىكا تارىخىدا ئ‍سرائىلىيەنى ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچى ئەمەلدارلاردىن بولۇپ ھسابلىنىدۇ، مايىك پومپىيو ئامېرىكا تارىخىدىكى خىرستئان دىنى ئېتىقادى ئەڭ كۈچلۈك دىپلومات بولۇپ، ئۇ يېقىندا ئامېرىكادىكى خىرستئان كىنو-فىلىم شركىتى بىلەن ھەمكارلىشپ، ئ‍سرائىلىيەگە بىرىپ، «ئىنجىلنىڭ تارىخى ئىزلىرى» ناملىق ھۈججەتلىك فىلىم ئ‍شلەپ بازارغا سالغان.مايىك پومپىو-ئ‍سرائىلىيە باش منستىرى نتانىياخۇ تەرىپىدىن ئ‍سرائىلىيەنىڭ ھەقىقى دوستى دەپ تەرىپلەنگەن.

مايىك پومپىيو يەنە ختايغا ۋە ئىرانغا قارشى ھەربى ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىشقا چاقىرغان ئەمەلدار بولۇپ، «ئ‍سرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى-ئامېرىكا مەنپەتىدۇر »دىگەن

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.