تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 8-ئۆكتەبىر
خاماس 7-ئۆكتەبىر ئسرائىلىيەگە تۇيۇقسز ئۇرۇش ئىچىپ، بىر كۈن ئىچىدە نەچچە يۈزلىگەن ئسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى دۇنيادا كۈچلۈك تەسر قوزغىماقتا.
ئامېرىكا يېڭى جىرسى شتاتى باشلىقى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى پىرەزدىنتلىق نامزاتى كىرس كىرستى يەكشەنبە سەھەر فوكس خەۋەرلىرىگە بەرگەن زىيارەتتە مۇنداق دىدى: بىز ئامېرىكا ئىچكى زىددىيەت ئىچىدە تۇرغاندا، دۈشمەنلىرىمىز بولغان خاماس، ختاي، ئىران ۋە روسيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئېتتپاقدشىمىز ئسرائىلىيەگە قارشى ئۇرۇش ئاچتى.
8-ئۆكتەبىر كەچتە خاماس ھەربى باياناتچىسى ھامات بايانات ئىلان قىلىپ: «بىزنى ئىران ئسلام جۇمھۇرىيتى ھەربى، ئېقتسادى جەھەتتە قوللىدى، باشقىلارمۇ قوللىدى.» دىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جوۋ ۋىلسون ( Jow Wilson) مۇنداق دىدى:
«ئىران -خاماس ۋە روسيەگە قورال تەمىنلىدى، ختاي ھەر ئىككىلىسگە ئېقتسادى جەھەتتە ياردەم قىلماقتا.»
ھەربى ئانالىزچى گوردون چاڭ ( Gordon G. Chang) مۇنداق دىدى:«ھاماس ۋە ھىزبۇللا ئىراننىڭ شايكىسى، ئىران بولسا -ختاينىڭ شايكىسى.بۇ قېتىملىق ئىران قوللىغان خاماس ئۇرۇشدا، ئىران ھەرگىز بېيجىڭدىن يوليورۇق سورىماي تۇرۇپ، شى جىن پىڭنىڭ رۇختىسنى ئالماي تۇرۇپ، بۇ ئۇرۇشنى قوزغىمايدۇ.ئسمىزدە بولسۇنكى، ھەتتا روسيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنىمۇ ختاي تەستىقلىغاندىن كىين ئىلىپ بىرىلغان.
More Stories
ختاي رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
سۈرىيە ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى (TIP)نى دۆلەت ئارمبيسگە قوشىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
ب د ت : غەززەدە ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە