نويابىر 24, 2025

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -مەڭگۈ ئ‍ۇيغۇر ئ‍ۈچۈن سۆزلەيمىز!

گاللاگىر: ئامېرىكا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىجرا قىلغان ختاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كىرەك

قىرغىنچلىق

ئۇيغۇرىئان، 21-سىنتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ختاي كومپارتىيسىي بىلەن رىقابەتلىشش ئالاھىدە كومېتىتى رەئىسى مايىك گاللاگىر ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منستىرى بىلىنكىن ۋە دۆلەت بېخەتەرلىك منستىرى مايوركاسقا خەت يېزىپ، ختاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىن سەۋەبلىك جازالاشقا چاقىردى.

ئۇ خېتىدە مۇنداق دىدى:

«ختاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئىلىپ بىرىۋاتقان قىرغىنچىلىق چوقۇم جازاغا تارتىلىشى كېرەك.

ئامېرىكا چوقۇم ختاي كومپارتىيىسىنىڭ جىنايەتچىلىرىنى ھېسابقا تارتىشى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارغا داۋاملىق ئ‍نسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشى كېرەك .

بىز ھەرگىز ئۆزىمىزنىڭ بېجىڭ بىلەن بولغان بىر تەرەپلىك، يۈزەكى مۇناسىۋىتىمىز ئۈچۈن ئەخلاق جەھەتتىكى رەھبەرلىكىمىزنى قۇربان قىلماسلىقىمىز كېرەك.»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

Copyright © All rights reserved. | Newsphere by AF themes.